چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى توردا «پىتنە-ئىغۋا» تارقاتقۇچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلدى

0:00 / 0:00

خىتاي ئالىي سوت ۋە ئالىي تەپتىش مەھكىمىسى بۇ يىل 9‏-ئايدا قانۇنغا چۈشەنچە بېرىپ، توردا «پىتنە-ئىغۋا» تارقاتقۇچىلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېكىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قارار ئۇيغۇر ئېلىدە ئوخشىمىغان سىياسىي، دىنىي پىكىرلەرنى باستۇرۇشقا قانۇن دەستەك بولۇپ بەرگەن. چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى بۇ ئەھۋالنى تەنقىد قىلدى.

خىتاي ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ «پىتنە-ئىغۋا» تارقاتقۇچىلارنى جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدىكى قارارىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى توردا «پىتنە-ئىغۋا» تارقاتقۇچىلارنى قولغا ئېلىش، قاماققا ھۆكۈم قىلىش ھەرىكىتى ئەۋج ئالدى. شۇنداقلا يەنە «پىتنە-ئىغۋا» غا زەربە بېرىش توغرۇلۇق ئاخبارات ساھەسىدىكى تەشۋىقات كۈچەيدى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە «پىتنە-ئىغۋا» دەپ كۆرسىتىلگەن بەزى دېلولارنىڭ تورغا دىنىي ۋە نازۇك سىياسىي مەزمۇندىكى ئۇچۇرلارنى چاپلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى دىققەت قوزغىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر ماقالىدە، يېقىندىن بۇيان «پىتنە -ئىغۋا» تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ مەمۇرى، قانۇنىي جازاغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ توردا «پىچان ۋەقەسى» ياكى «ئەسەبىي دىنىي ئىدىيە» تەرغىب قىلىنغان ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ جازالانغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە يەنە، تېخنىكا، قانۇن ۋە مەمۇرى ۋاسىتىلەردىن ئىبارەت كۆپ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ، توردا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش، تورغا نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش، ساغلام مەزمۇنلارنى كۆپلەپ ئېلان قىلىش، قانۇنغا خىلاپ، زىيانلىق مەزمۇنلارنى ئېلان قىلىشقا بوشلۇق يارىتىپ بەرمەسلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

24‏- ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان يەنە بىر خەۋەردە ئاگاھلاندۇرۇپ، «يامان غەرەزدە پىتنە-ئىغۋا تارقاتقۇچىلارنى مەقسىتىگە يەتكۈزمەي، تورنى پىتنە-ئىغۋانى ئەۋج ئالدۇرىدىغان مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، توردا ئىغۋا تارقىتىدىغانلارنى قانۇن ئارقىلىق قاتتىق چەكلەش زۆرۈر بولۇپ قالدى» دېگەن.

مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ خىل چەكلىمىنى تەنقىد قىلدى. مەزكۇر ئورگاننىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى بېنجامىن ئىسمائىل، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىدە نىمىنىڭ ئۇچۇر، نىمىنىڭ ئىغۋا ئىكەنلىكىگە قارار قىلىش ھوقۇقى بار، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ پىتنە-ئىغۋاغا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ: شىنجاڭ، تىبەت ۋە ئۇنىڭ چەت رايونلىرىدا ھەم ئىچكى موڭغۇلدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا ۋە سىرتتىن ئۇچۇرغا ئېرىشىش، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش ھوقۇقى تېخىمۇ ئېغىر كەمسىتىشكە ئۇچراپ كەلدى. بۇ رايونلاردا بولۇپمۇ شىنجاڭدا دائىرىلەر تور ئالاقىسىنى ھەر ۋاقىت ئۈزۈپ قويالايدۇ. بۇ، شاڭخەي ۋە بېيجىڭنىڭ سەھرالىرىدا يۈز بەرمەيدىغان ئەھۋال. ئۇلار ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنى خىتايچە تور بەتلىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىدۇ ھەم چەكلەيدۇ. ئۇلار چەتئەل ئاخباراتىنىڭ خەۋەر بېرىشىگە چەكلىمە قويىدۇ. بۈگۈن تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل ۋەقەسىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇندى. چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ۋەقەنى رەسىمگە تارتىشى، سىنئالغۇغا ئېلىشىغا چەكلىمە قويدى. ئۇلار چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ تىبەت ۋە شىنجاڭغا بېرىپ خەۋەر بېرىشىنى تېخىمۇ كونترول قىلىدۇ. بارغانلارغا ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ھەمراھ قىلىپ قويۇپ، كىمنى زىيارەت قىلىش، كىمنى قىلماسلىقنى بېكىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال ئاخبارات ئۆلچىمى ۋە ئاخبارات ئەخلاقىدىن يىراق، دەپ كۆرسەتتى.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن خەلقئارا ئاخبارات ئەركىنلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ قانداق ئۇچۇرلار ساغلام مەزمۇنلۇق ئۇچۇر، قانداق ئۇچۇرلارنىڭ پىتنە -ئىغۋا ئىكەنلىكىنى كىم قارار قىلىش مەسىلىسىدە جىددىي ئىختىلاپى بار.
چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتىدىكى بېنجامىن ئىسمائىلنىڭ قارىشىچە، نىمىنىڭ پىتنە ئىغۋا ئىكەنلىكىنى ھۆكۈمەت قارار قىلماسلىقى كېرەك، پىتنە - ئىغۋا تارقاتتى، دەپ قارالغان كىشىلەر بۇ سەۋەبلىك جازالانماسلىقى لازىم.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: دائىرىلەر ئۆزىدە نىمىنىڭ ئۇچۇر، نېمىنىڭ پىتنە-ئىغۋا ئىكەنلىكىنى قارار قىلىش ھوقۇقى بار دەپ قارايدۇ. ئەگەر بۇ ۋەقە يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇ دائىرىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغۇچە ئىغۋا ھېسابلىنىدۇ. دائىرىلەر بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى قوبۇل قىلىپ ئېتىراپ قىلسا، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ تارقىتىشىغا يول قويىدۇ. شۇندىلا بۇ ۋەقە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئېلان قىلسا بولىدىغان پاكىتقا ئايلىنىدۇ. پارتىيە تەشۋىقات بۆلۈمى بولسا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەرنى ئاساس قىلىشىنى كونترول قىلىدۇ. كۆزىتىدۇ.

بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، توردا ئاتالمىش «پىتنە-ئىغۋا» تارقىتىشنىڭ ئۆزى ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكى دائىرىسىدىكى مەسىلە. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل خاھىشنى قانۇن جاۋابكارلىققا تارتىپ جازالىشى پۈتۈنلەي خاتا، پىكىر ئەركىنلىكىگە قىلىنغان ئېغىر بۇزغۇنچىلىقتۇر.
بىراق «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان « تور پىتنە-ئىغۋا» يامرايدىغان تۇپراققا ئايلىنىپ قالمىسۇن، ماۋزۇلۇق ماقالە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى مەسىلىسىدىكى كۆز قارشىدا قانۇنچىلىق زور پەرق بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ماقالىدە، پەقەت قانۇننىڭ نوپۇزى ئارقىلىق مەۋھۇم دۇنيانى چەكلىگەندىلا، توردىكى پىتنە-ئىغۋالارنىڭ يامرىشىنى مەنبەدىن چەكلىگىلى بولىدۇ، دېگەن.