ئامېرىكا خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

0:00 / 0:00

مۇشۇ بىر ھەپتىدىن بۇيان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان تور ھۇجۇمىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، جىددىي تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ۋە خىتاي بىلەن قاتتىق سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

پرېزىدېنت ئوباما خىتاينىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ خەلقئارا قائىدە تۈزۈمگە ئەمەل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى مەخسۇس مۇشۇ مەسىلە ھەققىدە ئىككى قېتىم گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىردى. خىتاي ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىسىدىكى ئۆزگىرىشكە قاراپ دەرھال ئىنكاس قايتۇردى. بېيجىڭ ئامېرىكا بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆزلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيىسى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، ئامېرىكا - خىتاي ئارىسىدا تور ئۇرۇشى پارتلامدۇ - قانداق، دېگەن سوئال پەيدا قىلدى.

ئاق ساراي چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن تور بىخەتەرلىكى توغرىلىق سۆزلىشىشنى خالىغانلىقىنى قارشى ئالدى. ئاق ساراي باياناتچىسى جېي كارنېي مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئەسكەرتىپ: بىز خىتاي تەرەپنىڭ باياناتىنى قارشى ئالىمىز ۋە بۇ مەسىلە ھەققىدە ئىجابىي دىئالوگ ئېلىپ بېرىشنى قوغلىشىمىز، دەپ كۆرسەتكەن.

جېي كارنېي بۇ سۆزلەرنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭنىڭ تور ھۇجۇمى توغرىلىق ئېلان قىلغان باياناتىغا جاۋابەن قىلغان.

خۇا چۈنيىڭ خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: تور دۇنياسى ئۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئەمەس. بەلكى قائىدە تۈزۈم ۋە ھەمكارلىققا ئېھتىياج. جۇڭگو ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش، ھەمكارلىق ۋە ئۆز ئارا ئىشىنىش ئاساسىدا ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن، ئىجابىي خاراكتېرلىك سۆھبەت ۋە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ، دېگەن ئىدى.

ئانالىزچىلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ تور ھۇجۇمى توغرىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى يۇمشىتىپ، ھەمكارلىقنى تەكىتلىشى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

پرېزىدېنت ئوباما، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات باش مۇدىرى جەيمىس كلىپېر، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى تام دانىلون، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تور قوماندانلىق شتابىنىڭ قوماندانى گېنېرال كېيس ئالېكساندىر قاتارلىق ئاچقۇچلۇق شەخسلەر تور ھۇجۇمىغا كەسكىن تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينى ئاگاھلاندۇرغان. پرېزىدېنت ئوباما تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ ئىسمىنى ئاشكارا تىلغا ئېلىپ، خىتاينى مەنبە قىلغان بەزى تور ھۇجۇملىرىدا دۆلەتنىڭ قولى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئوباما، ئامېرىكا ABC تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئەسكەرتىپ: بەزى ھۇجۇملارنى جىنايى گۇرۇھلار ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بىراق بەزى ھۇجۇملارنى دۆلەت ئۇيۇشتۇرغان. بىز خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرگە ئۇلارنىڭ خەلقئارا ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلىش، خەلقئارا بەلگىلىمىلەرگە بوي سۇنۇش ھەققىدە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈردۇق. بىز ئۇلار بىلەن قاتتىق سۆزلىشىمىز ۋە سۆزلەشتۇق، دېگەن.

بىراق ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق تور ئەركىنلىك پائالىيەتچىسى لى خوڭكۇەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا نوقۇل بايانات بىلەن چەكلىنىپ كۈچلۈك ئەمىلىي تەدبىر ئالمىسا، خىتاينى داۋاملىق تور ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىشتىن توسۇپ قالالمايدۇ.

لى خوڭكۇەن: ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ ئامېرىكا تور سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىشىنى توسۇپ قالغىلى بولامدۇ؟ مېنىڭچە بۇنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايدۇ. جۇڭگو بۇرۇنقىدەكلا ئىلگىرىلەپ تور ھۇجۇمىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ۋە توربۇزارلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ھەربىي مەقسەتكە ئىشلىتىدۇ. ئامېرىكا ھەقىقىي ئۈنۈمگە ئېرىشىمەن دېسە، چوقۇم ئەمىلىي چارە - تەدبىر قوللىنىشى كېرەك. جۇڭگوغا داۋاملىق بۇ خىل ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانسا، بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش زۆرۈر. مەسىلەن، 3 ئايلىق ياكى 6 ئايلىق مۆھلەت بېرىپ، مۇشۇ ۋاقىت ئىچىدە ھەرىكىتىنى يىغىشتۇرمىسا، ئۆزىنىڭ قانداق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىش كېرەك. جۇڭگو پەقەت ئامېرىكىنىڭ جىددىي ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەندە ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى توختىتىدۇ. بولمىسا، پرېزىدېنت ياكى دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ دەپ قويغىنىغا بولدى قىلمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ئوبامانىڭ سەل ئالدىدا ئاق ساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى تام دانىلون خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ كومپيۇتېر سىستېمىسىنى ھۇجۇمغا قارشى مۇداپىئە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، خىتاينىڭ «مەخپىي سودا ئۇچۇرى ۋە ئەقلىي مۈلك ئوغرىلاشنى مەقسەت قىلغان كۆپ تەرەپلىمىلىك، نىشانلىق تور ھۇجۇمى مىسلىسىز سەۋىيىگە بېرىپ يەتكەنلىكى» ۋە بۇنىڭ ئامېرىكا كارخانىلىرىنى خاتىرجەمسىز قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دانىلون: خەلقئارا جامائەتچىلىك ھەر قانداق دۆلەتتىن كەلگەن بۇ خىل ھەرىكەتكە سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدۇ. پرېزىدېنت ئامېرىكا خەلقىگە سۆزلىگەن نۇتقىدا ئېيتقاندەك بىز تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىسادىمىزنى تور ھۇجۇمىنىڭ تەھدىتىگە قارشى قوغدايمىز، دېگەن ئىدى.

دانىلىون بۇ سۆزلەرنى دۈشەنبە كۈنى نيۇ - يوركتىكى «ئاسىيا جەمئىيىتى» ناملىق ئورگاننىڭ يىغىنىدا قىلغان بولۇپ، بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا قارىتىلغان تور ھۇجۇمىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىسىنىڭ قولى بارلىقىنى ئاشكارا تىلغا ئېلىشىدۇر.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىشخانىسى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، تور ھۇجۇمى ۋە تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتى تېررورلۇق تەھدىتنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ، ئامېرىكا دۇچ كەلگەن ئەڭ زور بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە ئايلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دۆلەتلىك ئىستىخبارات باش مۇدىرى جەيمىس كلىپېر، سەيشەنبە كۈنى كېڭەش پالاتا ئىستىخبارات كومىتېتىدا گۇۋاھلىق بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئىچكى - تاشقى توربۇزارلىرىنىڭ ئەجەللىك ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاققان بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭ ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان جىددىي تەھدىت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى جۇمھۇرىيەتچىلەر «خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىنى ئۇرۇش ھەرىكىتى» دەپ تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، بىراق پرېزىدېنت ئوباما ABC تېلېۋىزىيە قانىلىدىكى سۆزىدە تور جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ۋە تور ھۇجۇمى بىلەن قوراللىق ئۇرۇشنىڭ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

لى خوڭكۇەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تور ھۇجۇمىنىڭ ئۇرۇش ھەرىكىتى ياكى ئەمەسلىكى قانداق ھەرىكەتنىڭ ئۇرۇش ھېسابلىنىدىغانلىقىغا بېرىلگەن تەبىرگە باغلىقتۇر.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بۇنىڭدا ئۇرۇشقا بېرىلگەن تەبىرنىڭ قانداقلىقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر ئۇنىڭغا بېرىلگەن تەبىردە بۇ خىل مەقسەتلىك ھۇجۇم ۋە بۇزغۇنچىلىق ئۇرۇش، دەپ قارالسا، ئۇ ئۇرۇش قىلمىشى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۇرۇشنىڭ خەلقئارا تەبىرى قانداق بېكىتىلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيىسى ئامېرىكىنى ئەزەلدىن «سوغۇق ئۇرۇش ۋە ئىسسىق توقۇنۇشنىڭ ئوبيېكتى» دەپ قاراپ كەلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقى جۇڭگو ئۈچۈن بىر تەھدىت. شۇڭا ئۇ ئامېرىكىنى ئىزچىل «دۈشمەن» دەپ كۆڭلىگە پۈتۈپ كەلگەن.

بىراق، خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش مەسىلىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىر ئىختىلاپى بار. ئوباما دۆلەت مەجلىسىنىڭ تور بىخەتەرلىكى ھەققىدە قانۇن چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان.

بىراق، تور ئەركىنلىكىنى قوغدىغۇچىلار تور بىخەتەرلىك قانۇنى چىقىرىلىپ، تور ئەركىنلىكىنى بوغۇپ قويۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى بەزى جۇمھۇرىيەتچىلەر بولسا ئوباما ھۆكۈمىتىنى«خىتايغا قارشى ئۈزۈل - كېسىل تەدبىر قوللانمىدى» دەپ تەنقىد قىلىپ كەلگەن.

ئاق ساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى تام دانىلون «ئاسىيا جەمئىيىتى» ناملىق ئورگاندا قىلغان سۆزىدە خىتايغا بەزى تەكلىپلەرنى بەرگەن. خىتاينىڭ تور ھۇجۇمىنى جىددىي مەسىلە، دەپ قاراپ، ئۇنىڭ سودا، خىتاينىڭ ئوبرازى ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشىنى، مەسىلىنى تەكشۈرۈپ، تور ھۇجۇمىنى توختىتىشنى، ئامېرىكا بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بېرىپ، ئورتاق تور ھەرىكەت مىزانى تۈزۈپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.