ئۇيغۇرلار بەرپا قىلغان ئۈرۈمچىدىكى بىر مەھەللە چېقىلماقتا

0:00 / 0:00

ئىگىلىشىمىزچە، ئۈرۈمچىنىڭ سانفانكو رايونىغا جايلاشقان ئولتۇراق ئۆيلەر غەيرىي رەسمىي شەكىلدە چېقىلىشقا باشلىغان. ھالبۇكى، مەزكۇر ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ ساھىبلىرى تۆلەم پۇلىغا ئەمەس، بەلكى يول قۇرۇلۇشىغا ماسلاشقانلىق مۇكاپاتى نامىدىكى ئازغىنا پۇلغا رازى بولۇشقا مەجبۇرلانغان.

ئۆي چېقىش ئىشلىرىدىن خەۋەردار ئۈرۈمچىدىكى ئابلاخان ھاجىم مەزكۇر يەر ئىگىلىرى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ئاڭلاتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر يەردە ئولتۇراقلاشقانلارنىڭ 60 پىرسەنتتىن ئارتۇقى ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلار بۇ يەرگە ئۆي سېلىشتىن ئىلگىرى ئۆي سېلىش رۇخسىتى ئالغان ئىكەن.

بۇ رايون بۇندىن تەخمىنەن 10 نەچچە يىللار ئىلگىرى چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش نامى بىلەن كېڭىيىپ، ھازىرقى ئىككى مىڭ ئائىلىلىكتىن ئارتۇق رەتلىك، ئازادە، يەر ئاستى-ئۈستى سۇ، توك يوللىرى يۈرۈشلەشكەن بىر ئولتۇراق رايونغا ئايلانغان بولۇپ، كېڭەيتىلىۋاتقان يول قۇرۇلۇشى ئېھتىياجى بىلەن چېقىلىشقا باشلىغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىز.