ت ئى پ ئۈرۈمچى ۋوگزال ھۇجۇمىنى قوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقنى ئاگاھلاندۇردى

0:00 / 0:00

تۈركىستان ئىسلام پارتىيە يېقىندا ئېلان قىلغان ۋىدېئو باياناتىدا پارتىيىنىڭ باش ئەمىرى ئابدۇلھەق داموللا، ئاز دېگەندە 3 ئادەم ئۆلگەن، نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان 30‏-ئاپرېل ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزال پارتلاش ۋەقەسىنى تەبرىكلەپ، مەزكۇر ۋەقەنى «جىھادى ھەرىكەت» دەپ ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ باياناتى مەزكۇر پارتىيىنىڭ «ئىسلام ئاۋازى» ناملىق تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان.

ئابدۇلھەق دامۇللانىڭ باياناتى خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكىنى بازا قىلغان «سىتە» قاتارلىق خەلقئارا جىھاد ھەرىكىتىنى كۆزىتىش ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. ئۇ باياناتىدا، 30‏-ئاپرېل جەنۇبىي ۋوگزال ھۇجۇمىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كەلگەن، بىخەتەرلىك قاتتىق كۈچەيتىلگەن بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى، خىتاي خەلقىگە جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ھۇجۇمنىڭ تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى بىلەن باغلىنىشلىق ياكى ئەمەسلىكىگە ئېنىق چۈشەنچە بەرمىگەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئەسسالامۇئەلەيكۇم ۋە رەخمەتۇللاھى ۋەبىركەتىھۇ! ئاللاھقا ئۆزىگە لايىق ھەمدۇسانا لار بولسۇنكى، مانا مۇشۇ كۈنلەردە، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولغان ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىن، مۆمىنلەرنىڭ ئېزىلگەن قەلبىگە شادلىق بېغىشلايدىغان، كاپېر-مۇرتەتلەرنىڭ قەلبىگە قورقۇنچ سالىدىغان خۇش-خەۋەرلەر ئارقىمۇ-ئارقا كېلىشكە باشلىدى. مانا بۇلاردىن بىرى، 4‏-ئاينىڭ 30‏-كۈنى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالدا مۇجاھىد قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان پىدائىيلىق ئەمەلىيىتىدۇر.

بۇ، تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ يېقىنقى 2 يېرىم ئاي ئىچىدە ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتىگە ئالاقىدار ۋەقەلەر ھەققىدە ئېلان قىلغان 2‏-قېتىملىق باياناتى. مەزكۇر پارتىيە ئىلگىرى 1‏-مارت «كۈنمىڭ ھۇجۇمى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنى قوللايغاندىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق ت ئى پ بۇ قېتىمقى باياناتىدا، «كۈنمىڭ ھۇجۇمى» ھەققىدىكى باياناتىغا ئوخشاشلا، ئۆزىنىڭ 30‏-ئاپرېل ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا قارىتىلغان ھۇجۇم بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقىغا ئېنىق چۈشەنچە بەرمىگەن.

بىراق بەزى ئانالىزچىلار، ت ئى پ نىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي چېگراسى ئىچىدە پائالىيەت قىلىش ئىمكانىيىتى ناھايىتى چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، مۇستەقىل پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۇيغۇر ئىلى ۋە خىتايدا يۈر بەرگەن ھۇجۇملار بىلەن تەشكىلى ئالاقىسى بارلىقى، ھۇجۇم پىلانلاش ئېھتىماللىقى چوڭ ئەمەس.

ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئاماللارنى قىلىپ، ۋەتەندە بولغان ۋەقەلەرگە بىرىنچىدىن، دىنىي تون كىيدۈرۈش، ئىككىنچىدىن، بۇ ۋەقەلەرنى دەرھال چەتئەلدىكى رادىكال كۈچ، دەپ قارىغان بەزى تەشكىلاتلارغا باغلاشتەك ئىدىيىسى ۋە خاھىشى ناھايىتى كۈچلۈك. شۇنداق تۇرۇپمۇ، خىتاي كىشىنى قايىل قىلغۇدەك بىر پاكىت ئوتتۇرىغا قويالمىدى. ۋەتەندە بولۇۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ماھىيىتىگە قارىساق، بىرىنچىدىن، چۇۋالچاق. ئىككىنچىدىن، قوللانغان ۋاسىتىلەرگە قارىساق، ئەسكىرى بىر تەشكىلاتتىن ياردەم ئالغان ئۇنداق بىر ئىز كۆرەلمەيمىز. ۋەتەندىكى ھازىرقى بولۇۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى بولۇپمۇ، تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ تەسىرى بىلەن بولدى، دېگەنگە مەن ئېھتىمال بەرمەيمەن.

ت ئى پ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ۋە بۇ ئىككى تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئۆز ئارا تەشكىلى مۇناسىۋىتى كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ كەلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى «تېررورلۇق» تەشكىلات دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق غەربتىكى بەزى پائالىيەتچى ۋە تەشكىلاتلار بۇ تەشكىلاتنىڭ مەۋجۇتلۇقى گۇمانلىق، دەپ قاراپ كەلگەن. لېكىن ئامېرىكا خادسېن ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ت ئى پ ئۆزبېك، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالسىمۇ، بىراق ئۇ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسىنىڭ ئورگىنى.

بەزى ئانالىزچىلار، بۇ يىل تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى ياكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى ئىزچىل يەر شارى جىھاد ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇش ياكى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسىنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق نىشانى قىلىشتىن ئىبارەت ئىككى خىل يولنىڭ بىرىنى تاللاشقا مەجبۇرلىنىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، نۆۋەتتە، بۇ تەشكىلات ئىنتايىن ھالقىلىق مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل ئامېرىكا ئافغانىستاننى تاشلاپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، مۇستەقىللىق دەسلەپكى يىللاردا شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولغان بولسىمۇ، بىراق كېيىنكى يىللاردا يەر شارى جىھاد ھەرىكىتىنىڭ قىسمەن ئىشتىراكچىسىغا ئايلانغان.

بىراق ئامېرىكا خادسېن ئىنستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ياكۇب زېن « 2014‏-يىلنىڭ ھارپىسىدىكى مەركىزى ئاسىيا ئىسلامچىلىق ھەرىكىتى» ناملىق ماقالىسىدە، بۇ يىل ئامېرىكا ئافغانىستاننى تاشلاپ چىقسا، بۇ ھەرىكەت ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى مۇستەقىللىق مەۋقەسىگە قايتىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ت ئى پ نىڭ تېخىمۇ پايدىسىز ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەمەت توختى مۇنداق دېدى: ت ئى پ ھازىرغىچە ئەمدى، تەشۋىقات جەھەتتىن بەزى بىر ۋەتەن توغرىلىق گەپلەرنى ئاڭلىغان بىلەن، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەرىكەت نىشانى ناھايىتى مەۋھۇملۇققا ئىگە. مەسىلەن، ئامېرىكا چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، بۇلارنىڭ قانداق پىكىر ۋە پىلانلىرى بار، ئۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. خىتاي ئۇ يەردە ھازىر 30 مىليارد دوللار مەبلەغ سالماقچى. بۇ ئافغانىستان ئۈچۈن ناھايىتى نۇرغۇن پۇل. ئامېرىكا چىقىپ كەتسە، ئافغانىستاننىڭ ۋەزىيىتى قالايمىقان ۋەزىيەتكە ئايلىنىدۇ. ئۇ يەردە ھەر خىل قەبىلىلەرنىڭ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەپيۈن كىرىمىنىڭ پايدىسىنى بۆلۈشۈشتىن ئىبارەت نۇرغۇن زىددىيەتلەر مەۋجۇت. بۇنداق زىددىيەتلىك بىر دۆلەتتە، خىتايدەك بىر دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تەرەپلەر خېلى-خېلى نەرسىلەرنى قۇربان قىلىدۇ.

ت ئى پ ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزال ھۇجۇمىنى تەبرىكلىگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ ھۇجۇم چەتئەل ھۆكۈمەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى، تېررورلۇقتەك قىلغان بۇ ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلاردىن ھال سوراپ، پۇقرالارغا قارىتىلغان ھەرقانداق زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇققا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

لېكىن ئابدۇلھەق داموللا باياناتىدا، بۇ ھۇجۇملارنىڭ «ھەق بىلەن باتېل ئوتتۇرىدىكى قىيامەتلىك كۈرەش» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، بۇ ھۇجۇملار «ئازغۇن گۇرۇھلار داۋا قىلىۋاتقاندەك قانداقتۇر بىر قېتىملىق نارازىلىق ھەرىكىتى ياكى نوقۇل ھالەتتىكى ۋەتەن داۋاسى ياكى بىرەر شەرئى بولمىغان غەرەزلەر تۈپەيلى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتلەر بولماستىن، تاكى دەۋرى قىيامەتكىچە داۋام قىلىدىغان ھەق بىلەن باتېل ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشتۇر» دېگەن.