تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى تەكشۈرىدىغان تارماق كومىتېت قۇرۇلماقچى

0:00 / 0:00

تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش كومىتېتى، ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان قەتلىئامنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر كومىتېت قۇرۇپ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئايخان سەفەر ئۈستۈن، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە ئالاقىدار قورقۇنچلۇق بىر ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«يېڭى شەپەق» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتە تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر دىيارىدا بىر قىسىم ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئايخان سەفەر ئۈستۈن، «ئۇ يەردە روزا تۇتقانلارغا سۇ ئىچىرىپ، روزا تۇتقان ياكى تۇتمىغانلارنى ئېنىقلاشقا ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بار. بۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن مەسىلىلەر مەۋجۇت، دەسلەپكى قەدەمدە شەرقىي تۈركىستاندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان بىر تارماق كومىتېت قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى.

ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قارىتا ئوچۇق بىر سىياسىتى يوق دەپ تەنقىد قىلىنىپ كېلىۋاتقان ئىدى، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ۋە رايون ۋەزىيىتىدىكى تېز ئۆزگىرىشلەر تۈركىيەنى ئۇيغۇر دىيارىغا قارىتا بىر سىياسەت بەلگىلەشكە مەجبۇر قىلدى.

تۈركىيىنىڭ مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ۋە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىگە ئوخشاش مۇخالىپ سىياسىي پارتىيىلەر تۈركىيە پارلامېنتىدا بايانات بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە قارىتا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى باشقۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى، ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە قارىتا سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە تاشقى سىياسىتىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا بىر قەدەم بېسىشقا مەجبۇر بولدى.
تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئايخان سەفەر ئۈستۈن، مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن دۆلەت باشقۇرۇشتا، ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئايخان سەفەر ئۈستۈن سۆزىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاپتونوم رايون سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەردىكى خەلقنىڭمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ شەرت-شارائىتلىرىنى تولۇق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى:
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇ رايونغا بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ، خىتايغا بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تۈرلۈك قەدەم بېسىشنى خالايمىز، ئىمكانىيەت بېرىلسە ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىق كۆرسىتىلسە رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز. دەسلەپكى قەدەمدە كومىتېت قۇرۇپ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولۇشى ئۈچۈن رايونغا بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تۈرلۈك قەدەملەرنى باسىمىز. بۇ مەسىلىلەرنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى تەكشۈرۈپ چىقىمىز.

رايوندىكى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان تۈرك مۇسۇلمانلار ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.

ئايخان سەفەر ئۈستۈن سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستاندا ھەر خىل تۈردە مۇستەقىل تۈرك دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، ئەمما 18-ئەسىردىن باشلاپ رايوننى خىتاي ئىشغال قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئايخان سەفەر ئۈستۈن سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ، 1955-يىلى، شەرقىي تۈركىستاننى ئاپتونوم رايون ھوقۇقىغا ئىگە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى:
ئەجەبلىنەرلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق شەرتلىرىنى ئورۇندايدىغان ئىدارە، باشقۇرۇش ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيىلىك پۇرسەتلەر بېرىلمىدى. ئاپتونوم رايون بولۇش سالاھىيىتى بىلەن ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ھوقۇقى بېرىلمىدى. رايوندا مۇسۇلمان تۈركلەرنىڭ نوپۇسىنى ئازايتىش مەقسەت قىلغان كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى ئىجرا قىلىنىۋاتىدۇ، دەسلەپتە يۈزدە 5% نى تەشكىل قىلغان خىتاي نوپۇسى شۇئان يۈزدە 50% كە يەتتى.

ئايخان سەفەر ئۈستۈن سۆزىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:
دەسلەپتە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇش قاتارلىق، دىنى، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، خىزمەت قىلىش ئەركىنلىكى دېگەنگە ئوخشاش ئاساسىي مەسىلىلەر مەۋجۇت. ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەلىرى مۇشۇ مەسىلىلەردىن تەركىب تاپىدۇ. خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئەمەس مەسىلىلەرنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولىدىغان بىر سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىق تۈركلەر بۇ ۋەزىيەتكە ئېتىراز قىلغان ھامان، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تۆمۈر مۇشتلىرى ئاستىدا قالدى ۋە ئاقىۋىتىدە، ئۆلۈش، تۈرمىگە قامىلىش، ئىسكەنجىگە ئۇچراش، كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەر ئوتتۇرىغا چىقتى.

بۇ بايانات تۈركىيىنىڭ ئانادۇلىيە ئاخباراتى ۋاسىتىسىدىن نەقىل قىلىنىپ، «خەبەر7»، «خەبەرلەر»، «دوغۇ تۈركىستان خەبەر» «ھۆر سادا» دېگەنگە ئوخشاش تور گېزىتلەردە ۋە «يېڭى شەپەق» گېزىتىدە 22-ئىيۇل دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى.

تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى نەۋزات قورقماز ئەپەندى، تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلدى. بۇ ئۇنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا بىر ھەپتە ئىچىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىككىنچى قېتىم كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ.

پارلامېنت ئەزاسى نەۋزات قورقماس ئەپەندى سۆزىدە مۇنداق دېدى:
قىممەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى مەن ئىككى كۈن ئىلگىرى بۇ مۇنبەردە سۆز قىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم، ئۇيغۇرلار ئۆز ۋەتىنىدە، دىنسىزلىقنى شوئار قىلغان كوممۇنىست خىتاي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ، تۇرپان، ئۈرۈمچى ۋە خوتەندە، ئەر-ئايال-كىچىك بالا دېمەستىن، ئېغىر يېنىك قورال ۋە تانكىلار بىلەن باستۇرۇۋاتىدۇ، ئەرەب دۆلەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھۆكۈمىتىمىز، تۈرك مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلىمەن. ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر، ھۆرمەتلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەرھەمەت قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن بىر ئىش قىلىڭلار. ئۇلارنىڭ بىزدىن باشقا ھېچ كىمى يوق، ئۇلار بىزدىن ئۈمىد كۆزلىرى بىلەن ياردەم كۈتۈۋاتىدۇ.

تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش توغرىسىدا، ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان تۈركىيە ھۆكۈمىتى، پارلامېنت مەجلىسىگە قاراشلىق كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن بىر ھەيئەت تەشكىللەپ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەر ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.