شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 9-ئاينىڭ 27-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدىكى رىخوس مېھمانخانىسىدا «تۈرك دۇنياسىدا ۋايىزلىق پائالىيەتلىرى: كۈچلۈك ۋايىزلىق گۇرۇپپىسى قۇرغىلى بولامدۇ؟» دېگەن تېمىدا 2-نۆۋەتلىك مۇھاكىمە يىغىنىنى چاقىرىپ، تۈرك دۇنياسى لوبىچىلىك مۇنبىرى قۇرۇش قارارىنى ماقۇللىدى. يىغىنغا تۈركىيەدە تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، بەزى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى، ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركەزلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن بولۇپ 20 كىشى قاتناشتى. يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ پەخرىي باشلىقى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، ۋاقىپ باشلىقى ئەسەر ساقا، مۇئاۋىن رەئىسى جېلىل تۇران ئەپەندى، باش كاتىپى ئۆمەر قۇل ئەپەندىلەرمۇ قاتناشتى. يىغىندا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىشنىڭ يوللىرى ۋە لوبىچىلىك مۇنبىرى قۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، مەزكۇر مۇنبەرنى قۇرۇش قارار قىلىندى.
مەزكۇر لوبىچىلىك مۇنبىرىنىڭ مەركىزى ئەنقەرەدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مەسئۇللىرى سايلاپ چىقىلغان. بىز يىغىن توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ ھەرىكەتنى باشلاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ پەخرىي رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى يېڭى قۇرۇلغان تۈرك دۇنياسى لوبىچىلىك مۇنبىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈركىي خەلقلەرگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.