تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا ۋەقىپنىڭ يېڭى رەھبەرلىك ھەيئىتى سايلاپ چىقىلدى. 12-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركىيات ئىنستىتۇتىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا مەزكۇر ۋەقىپنىڭ رەھبەرلىرى، قۇرغۇچى ئەزالىرى قاتناشتى.
شەرقىي تۈركىستان ۋەقپنىڭ باش كاتىپى ئۆمەر قۇل ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ۋەقىپ رەئىسى ئەسەر ساقا قىلدى. يىغىننىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باشلىقى ئەسەر ساقا خىزمەت دوكلاتى بەردى. ئۇ، خىزمەت دوكلاتىدا ئىككى-ئۈچ يىلدىن بېرى ۋەقىپ بىناسى رېمونت قىلىنىۋاتقان بولغاچقا ھەر جەھەتتىن نۇرغۇن قىيىنچىلىققا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما ھەر جەھەتتىكى بۇ قىيىنچىلىقلارغا قارىماي ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش پۇلى تېپىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ژۇرنالنى چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، خىزمەت دوكلاتىدا ئىككى يىلدىن بېرى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلىرىدە ناھايىتى مۇھىم يىغىنلارنى چاقىرغانلىقىنى، تۈرك دۇنياسى لوبىيچىلىك (سىياسىي ۋايىزلىق) مۇنبىرىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈرك سىياسەتچىلەرگە ۋە تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن كۆپ ساندا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېيتتى.
شەرقىي تۈركىستان ۋەقپى باش كاتىپى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى خىزمەت دوكلاتىغا قوشۇمچە قىلىپ، ۋەقىپنى رېمونت قىلىش ئىشىنىڭ پۈتەي دەپ قالغانلىقىنى، ئىككى يىلدىن بېرى ئەيسا يۈسۈپنى خاتىرىلەش يىغىنى ئاچقانلىقىنى، نامايىشلار ئۆتكۈزگەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، گېرمانىيەنىڭ 6 شەھىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بەرگەنلىكىنى، ۋەقىپ نامىدىن كۆپ ساندا يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى، ئىككى قېتىم ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت(تۇرۇش سالاھىيىتى) ئېلىش خىزمىتىنى قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئۇ يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ ئاز ساندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇ ساننى كۆپەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. ئۆمەر قۇل ئەپەندى دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كېلىۋاتقان ۋەقەلەرنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن داۋاملىق ھالدا مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۆمەر قۇل ئەپەندى نۇتقىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىگە ۋە ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئۇيغۇرلارغا رەھمەت ئېيتتى.
ئارقىدىن مۇرات ئاخۇنباي شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ ئىككى يىللىق مالىيە دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ 4-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئاساسەن ئەركىن ئالپتېكىننىڭ رىياسەتچىلىكىدە سايلام ئۆتكۈزۈلدى. سايلامدا ئەسەر ساقا شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ رەئىسلىكىگە قايتا سايلاندى، شەرقىي تۈركىستان ۋەقپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە ئابدۇلخەمىت ئاۋشار ئەپەندى، باش كاتىپلىققا ئۆمەر قۇل ئەپەندى، غەزىنىچىلىك ۋەزىپىسىگە مۇھىتتىن جانۇيغۇر ئەپەندى سايلاندى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مەمەتجان قەشقەرلى ئەپەندى بوغالتىرلىق ۋەزىپىسىگە، مۇرات ئاخۇنباي بىلەن تەبەت يۈجەتۈرك ئەپەندىلەر بولسا باش تەپتىشلىك ۋەزىپىسىگە سايلاندى. يىغىن ئاخىرىدا سايلانغان رەھبەرلەر تىلەك ۋە ئارزۇلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.