4-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەنقەرە پالاس مېھمانخانىسىدا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھەققىدە» ناملىق كىتابىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمغا تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەت ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ يەندوڭ بىلەن تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مەمەت شىمشەك ئەپەندى، خىتاي ۋە تۈرك مۇخبىرلاردىن بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
مۇراسىمدا ئالدى بىلەن خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ يەندوڭ سۆز قىلىپ، «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھەققىدە» ناملىق كىتابنىڭ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلىشىنىڭ تۈركلەرنىڭ، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى، خىتاينى چۈشىنىشى، خىتاينىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى چۈشىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكى، يەنە بىر جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقى شۇنىڭدەك يەنە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بىر-بىرىنى چۈشىنىشىدە ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئارقىدىن تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك ئەپەندى خىتاينى چۈشىنىش ئۈچۈن خىتاي دۆلەت رەئىسى يازغان مەزكۇر كىتابنىڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەزكۇر كىتاب، خىتاي دۆلەت رەئىسى، كوممۇنىستىك پارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭنىڭ خىتاينىڭ تەرەققىياتى، سىياسەتلىرى، مۇھىتنى ئاسراش، دۆلەت مۇداپىئەسى، چىرىكلىككە قارشى كۈرەش قىلىش ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ تاشقى سىياسىتى گە ئائىت سۆز-نۇتۇقلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ماقالىلەردىن تەركىب تاپقان. ‹دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھەققىدە› ناملىق بۇ كىتابنىڭ تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنىشى خىتاينى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.»
مەمەت شىمشەك ئەپەندى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ كېلىدىغان ئاينىڭ 14-15-كۈنلىرى خىتايدا ئېچىلىدىغان «بىر يول بىر بەلۋاغ» يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، بايان قىلىپ؛ «دۆلەت رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 5-ئاينىڭ 14-15-كۈنلىرى خىتايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ‹بىر يول بىر بەلۋاغ› يىغىنىغا قاتنىشىپ دۆلىتىمىزنىڭ بۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى» دېدى.
تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ تۈركىيەدە بۇ پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىشىدىكى مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى ئابرۇيىنى تىكلەش، «يېڭى يىپەك يولى»ئىش پىلانىدا تۈركىيەنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تۈركولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇئاۋىن مۇدىرى دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى دۆلەت ئىدارە قىلىشتا تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ئۇزۇن يىللىق تەجرىبىلىرى بارلىقى، خىتايدىن ئۆگىنىدىغان ئالاھىدە بىر نەرسىنىڭ بولمايدىغانلىقى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە پارلامېنت تۈزۈمى بىلەن ئىدارە قىلىنغان، دېموكراتىيە تەجرىبىسى بار بىر دۆلەت. بۇ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا تۈركىيەنىڭ خىتايدىن دۆلەت ئىدارە قىلىش جەھەتتىن ئۆگىنىدىغان بىر نەرسىسى يوق دەپ ئويلايمەن. تۈركىيەدە دۆلەت تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان رېفېرېندۇم، يەنى خەلقنىڭ راي بېرىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنلا خىتاي باش مىنىستىر مۇئاۋىنى ليۇ يەندوڭنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ شى جىنپىڭنىڭ كىتابىنى تونۇشتۇرۇشى مېنىڭمۇ دىققىتىمنى تارتتى، ئەمما ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن».
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھەققىدە» ناملىق كىتابىدىكى ئۇنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ئىدېئولوگىيەسى ۋە باشقا بىر قاتار مەسىلىلەرگە ئائىت قاراشلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى خىتاي دۆلىتى تۈركىيەدە بۇ خىل كىتاب تونۇتۇش پائالىيەتلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى يوشۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، 2006-يىلىدىمۇ «شىنجاڭنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» ناملىق بىر كىتابنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ ھەقسىز تارقاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «سىزگىمۇ مەلۇم 2006-يىلىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ‹شىنجاڭنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى› ناملىق بىر كىتابنى تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ تارقاتقان ئىدى. بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا بۇرمىلانغان نۇرغۇن خاتا مەلۇماتلار بار ئىدى. شۇڭا خىتاي تۈركچىگە تەرجىمە قىلدۇرۇپ تارقىتىۋاتقان بۇ خىل قۇرۇق تەشۋىقات كىتابلىرىنىڭ ھېچ قانداق پايدىسى يوق دەپ ئويلايمەن.»
4-ئاينىڭ 18-كۈنى تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم خىتاي باش مىنىستىر مۇئاۋىنى ليۇ يەندوڭنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، «ئا -خابەر» تور گېزىتىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، مۇخبىرلارغا يېپىق ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە تېخنولوگىيە جەھەتتىكى ھەمكارلىقلار توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.