شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» نىڭ 8 -نۆۋەتلىكى 18 - ئىيۇل ئىستانبۇلدا ئېچىلدى.
تۆت كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى 17 - ئىيۇل ئىستانبۇلدىكى زەيتۇنبۇرنۇ مەدەنىيەت مەركىزى يىغىن زالىدا ئېچىلىشى پىلانلانغان بولسىمۇ، تۈركىيەدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن بىكار قىلىنغان بولۇپ 7 18- ئىيۇل ئىستانبۇلنىڭ ئارنوۋۇت كۆيىدە بىر مېھمانخانىدا ئېچىلدى. يىغىن بۈگۈن 3 - كۈنىگە قەدەم قويغان بولۇپ 21- ئىيۇل ئاخىرلىشىدىكەن.
يىغىنغا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، قازاقىستان ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى بولۇپ 13 دۆلەتتىن كەلگەن تەشكىلات رەھبەرلىرى، ژۇرنالىستلار، تەتقىقاتچىلار، زىيالىيلار، دىنىي ئۆلىمالار ۋە ئۇيغۇر ياشلاردىن بولۇپ 120 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى بىلەن باشلاندى.
يىغىندا، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش مۇپەتتىشى، دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ساغلام ئىدىيە، توغرا ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش»، دېگەن تېمىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان جىددە رادىئوسىدا خىزمەت قىلىدىغان ژۇرنالىست ئابدۇلئەھەد ھاپىز، «ھەرىكىتىمىزنىڭ ئىسلامىي يۆلىنىشىدە ئوتتۇراھاللىق ئېڭىنى ئۆستۈرۈش»، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان دىنىي ئالىم ئىبراھىم داموللام ۋە ئابدۇئېزىز ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ئىنكارچىلىق ئېڭىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش» دېگەن تېمىدا، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى رەئىسى دىنىي ئالىم ئابدۇسالام ئابدۇغېنى، «ئىسلامىي جىھاد ۋە دۆلەت بەرپا قىلىشنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتتىكى ئورنى» دېگەن تېمىدا، ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا نەتىجىدە قازىنىشنىڭ يول ۋە مېتودلىرى» دېگەن تېمىدا، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەت، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ۋائىزلىقنىڭ ئەھمىيىتى» دېگەن تېمىدا، ئىستانبۇلدىكى ئارال ئۇنىۋېرسىتېتى رادىيو - تېلېۋىزىيە فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور شاۋكەت ناسىر، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا مەتبۇئات ۋە تەشۋىقاتنىڭ رولى ۋە ئەھمىيىتى» دېگەن تېمىلاردا سۆز قىلدى.
ھەر بىر سۆز قىلغۇچى سۆزىنى تاماملىغاندىن كېيىن سوئال - جاۋاب ۋە تېمىلار بويىچە مۇلاھىزە، مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا شەرقىي تۈركىستان كۆرۈشى ھەرىكىتى يۆنىلىشىنىڭ توغرا بولۇشى ئۈچۈن ساغلام پىكىرنىڭ ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدە چوڭقۇر مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمىلەر ئېلىپ بېرىلدى.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىنغا قاتناشقان بىر قانچە مېھمانلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ئاۋسترالىيەدىن كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دىنىي ئالىم ئابدۇسالام ئابدۇغېنى بۇ يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر توغرىسىدا توختالدى.
بىز يەنە، بۇ يىغىن توغرىسىدا پىكىر قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيەدىن كېلىپ يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىي تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باش كاتىپى ئەيسا ساۋۇت ئەپەندى، يىغىندىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ياخشى بىر نەتىجىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.