ئالپەر تان: «2017-يىلىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىمىز»

0:00 / 0:00

مەركىزى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىن تارقىتىلىۋاتقان «قانال-ئا» تېلېۋىزىيەسىنىڭ مۇدىرى ئالپەر تان ئەپەندى يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 2017-يىلى «قانال-ئا» تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەدىكى ئاخبارات ئورگانلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىشكە باشلىدى. مەيلى، دۆلەت ئاخبارات ئورگانلىرى بولسۇن، ۋە ياكى شەخسى ئاخبارات ئورگانلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا تېلېۋىزىيە، رادىئو پروگراممىلىرى تەييارلاپ تارقاتماقتا. بۇلاردىن بىرى مەركىزى ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق «قانال-ئا» تېلېۋىزىيەسىدۇر.

«2016-يىلى سىزچە قانداق بىر يىل بولدى؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئالپەر تان ئەپەندى مۇنداق جاۋاب بەردى: «2016-يىلى ئىسلام دۇنياسى ئۈچۈن قىيىن بىر يىل بولدى. قىرغىنچىلىق، ئېتنىك تازىلاش، جىنايەت ۋە تېررور ئەۋجىگە چىققان بىر يىل بولدى. بولۇپمۇ سۈرىيەدە كۆپ ساندا كىشى ئۆلدى. شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم داۋاملاشتى. مىسىردا ھەربىي ئۆزگىرىش بىلەن ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن ھۆكۈمەت دۆلەتنى ئىدارە قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، ئىراقتا تېخى مۇقىملىق بەرپا قىلىنالمىدى. ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋەزىيىتى ئېغىر، ئەمما بۇنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ ئويغىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. سۈرىيەدە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش توختامنامىسىگە قول قويۇلدى. بۇ، 2017-يىلىنىڭ ياخشى ئۆتىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ ئويلايمەن. بىز 2017-يىلىدىمۇ تېلېۋىزىيەمىزدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئالاھىدە ئورۇن بېرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

«سىز قانال-ئا تېلېۋىزىيەسى مۇدىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىۋاتىسىز. ھازىرغىچە تېلېۋىزىيەڭىزدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا كۆپ قېتىم پروگرامما تارقاتتىڭىز بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى: «مەن تۈركىيەنى ھازىرقى چېگراسىدىن ئىبارەت دەپ قارىمايمەن. تۈركىيەنىڭ تەسىر دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ھاكىمىيىتى ئاستىدا قالغان زېمىندا 52 دۆلەت قۇرۇلغان. بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر. شۇڭا بىز بۇنىڭغا سەل قارىيالمايمىز. بىر مىليارد 700 مىڭ مۇسۇلماننىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك.»

ئالپەر تان ئەپەندى سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي دۆلىتىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئېزىلگەن، بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقان بىر مىللەت. بەزى جەھەتتىن خىتاي دۆلىتىنىڭ زوراۋانلىق سىياسىتىگە ئۇچراۋاتقان بىر مىللەت. ئىبادەت ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنغان خەلق. تۈركىيەلىكلەر بۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاتمىساق كىم ئاڭلىتىدۇ؟ شەرقىي تۈركىستانلىقلار مۇسۇلمان بولغاچقا، تۈركىي مىللەت بولغاچقا بېسىمغا ئۇچراۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا تونۇتۇش تۈركىيەنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. بۇ سەۋەبتىن بىز تۈرك تېلېۋىزىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە ئىزچىل ھالدا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازى بولۇشقا تىرىشىۋاتىمىز.»

ئالپەر تان ئەپەندى؛ «ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىشىشى، تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇرۇنقىدەك كۈن تەرتىپكە كەلمەيۋاتىدۇ. 2017-يىلىدا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ئۆزگىرەرمۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى: «تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ دەپ ئويلايمەن. بەزى ۋاقىتلاردا تاكتىكا جەھەتتىن بەزى ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئاساسىي سىياسەتتە بىر ئۆزگىرىش بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى ئاساسىي سىياسەتتە ئۆزگىرىش بولسا تۈركىيەنىڭ سىياسىتىگە زىت بولىدۇ. ئىككىنچىسى، تۈركىيە ھۆكۈمىتى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن بۇنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمىدى، بۇنى بىر تاكتىكا دەپ قارايمەن، ياۋروپا بىرلىكى تۈركىيەنى ئەزالىققا قوبۇل قىلمىغاچقا، سەن ئالمىساڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولىمەن دەپ ھەيۋە قىلىشتىن ئىبارەت دەپ قارايمەن. تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش نىيىتىدە ئەمەس دەپ ئويلايمەن.»

ئالپەر تان ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلەۋاتقانلىقى، بۇنداق بىر شارائىتتا تۈركىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرسە ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ ئەيىبلەيدۇ. بۇنى ئالدى بىلەن ھەل قىلىش كېرەك. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەپ كۆرمەسلىكى، ئۇلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى بېرىشى كېرەك. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دېگىنىنى قوبۇل قىلىپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرسەك، تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ.»