تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان ئەڭ چوڭ ۋىلايەتلەردىن بىرى بولغان كونيا ۋىلايىتىدە 15-16-يانۋار كۈنلىرى ئۇدا ئىككى كۈن ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى.
كونيا ۋىلايىتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان ئىفران دەر جەمئىيىتىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە بىنائەن 15-يانۋار كۈنى كونياغا يېتىپ كەلگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى شۇ كۈنى ئاقشام كون ت ۋ تېلېۋىزىيەسىدە بىر سائەتلىك ت ۋ پروگراممىسىغا چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن. ئاقشام كونيادا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرىغا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بەرگەن.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، 15-يانۋار شەنبە كۈنى كون ت ۋ تېلېۋىزىيەسىدە خەلققە، ئاقشامقى يىغىندا كونيادىكى ئاقساقاللارغا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
ئەتىسى كۈنى يانى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى كونيا شەھىرىدىكى مەرام رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مەدەنىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا كونيا شەھىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىغا، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى ئاڭلىتىلغان. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بەرگەن دوكلاتىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن نۇقتىلىق ھالدا بۈگۈنكى ۋەزىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم سىياسىتى، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاڭلاتقان. يىغىنغا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇپ 550 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بۇ يىغىن توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
16-يانۋار كۈنى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيەنىڭ كونيا ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چاقىرىلغان بۇ پائالىيەتنى ئىرفان دەر ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەھمەت ئەپەندى، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چاقىرىلغان دوكلات بېرىش يىغىنىغا كۈتكەنلىرىدىن كۆپ كىشىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى، ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «500-550 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئەتراپلىق مەلۇمات بەردى. دوكلات بېرىش يىغىنى بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان بولسىمۇ كىشىلەر باشتىن-ئاخىر پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىدى. ھازىر بىزگە يىغىنغا ئىشتىراك قىلغانلارنىڭ ئىجابىي ئىنكاسلىرى كېلىۋاتىدۇ. ناھايىتى ياخشى ئۆتتى.»
مەھمەت ئەپەندى يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ يەنە مۇنۇلارنى دېدى: «بىزنىڭ بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسەت بۇ مەسىلىدە ئالاھىدە بىر ۋەزىيەت بەرپا قىلىش ئىدى. ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق كۈتمىگەن دەرىجىدە ئىنكاسلار كېلىۋاتىدۇ. مەنچە بىزنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيىتىمىز ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىمۇ رەسىم ۋە كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق بىزگە يېڭى مەلۇماتلارنى بەردى. مەزلۇم ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تارتىۋاتقان بۇ زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز. تەشكىلاتىمىزنىڭ كېلەر ھەپتىدىكى باشقۇرۇش ھەيئىتى يىغىنىدا بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نېمىلەرنى قىلىمىز، بۇ ھەقتە پىلان تۈزمەكچىمىز.»
نۆۋەتتە تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت قىزىقىشلار كۆپەيمەكتە. ژۇرنالىست ئازاتجان بۇغرا بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇرۇن ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ مەلۇم ساھەدىكى كىشىلەرلا قىزىقىدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەدىكى ھەممە كىشى قىزىقىدىغان مۇھىم مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
2-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەنقەرە تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ۋە ئىستانبۇلدىكى مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى ئىكەن.
ئەنقەرە تۈرك ئوجاقلىرى مەسئۇلى پروفېسسور دوكتور تۈركان خاجالوغلى خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەسىلەن يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان تۈركىيەدە ئۇيغۇرلار رايونى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، سىياسىي-ئىجتىمائىي ۋە باشقا تۈرلۈك مەسىلىلىرى ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە، دوكلات بېرىش، يۇمىلاق ئۈستەل سۆھبىتى ۋە باشقا خىل شەكىلدىكى يىغىن پائالىيەتلىرى ئۇنىۋېرسىتېت، تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن باشقا ھەر خىل ئاممىۋى، مەدەنىيەت جەمئىيەتلىرىنىڭ دائىملىق پائالىيەتلىرىگە ئايلانماقتا. بۇنداق دوكلاتلارنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرى تۈرك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، زىيالىيلاردىن باشقا يەنە ھۆكۈمەت مەمۇرىي خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھە كىشىلىرىدىن ئىبارەت ئىكەن.