مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە رەئىس ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرىنى قايتىدىن سايلاش ئۈچۈن سايلام ئۆتكۈزۈلدى.
2014-يىلى 16-يانۋار جۈمە كۈنى كەچتە مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىنى سايلاپ چىقىش ئۈچۈن 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي يىغىنى جەمئىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.
قۇرۇلتاي يىغىنىغا جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
قۇرۇلتاي يىغىنى قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. قۇرۇلتاي يىغىنىدا ئالدى بىلەن 3 كىشىلىك سايلام كومىتېتى ھەيئىتى بېكىتىلدى. كۈنتەرتىپ بويىچە سايلام باشلاندى، ئەزالار يوقلىما قىلىندى ۋە سايلامغا قاتناشلىق توغرىسىدا تىزىملىككە ئىمزا قىلدى. سايلام كومىتېتىنىڭ باشلىقى قۇرۇلتاينىڭ كۈنتەرتىپىنى ئوقۇپ ئۆتتى. كېيىن جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت-پائالىيەتلىرى توغرىسىدا دوكلات بەردى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە جەمئىيەت قۇرۇلغاندىن 2006-يىلدىن بۇيانقى بولۇپمۇ كېيىنكى ئۈچ يىلدىن بۇيانقى قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى، مۇھىم خىزمەتلىرىنى بولۇپمۇ يېڭىدىن تۈركىيەگە كېلىۋاتقان مۇھاجىرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان خىزمەت-پائالىيەتلىرىنى بىر-بىرلەپ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
سايلام كومىېتىتى باشلىقى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ يېڭى رەئىسلىك نامزاتى ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىك نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى بىر-بىرلەپ ئوقۇپ ئۆتتى.
سايلام ئوچۇق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر نامزاتنىڭ ئىسمى ئېلان قىلىنىپ، نامزاتقا ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق سايلام ئېلىپ بېرىلدى. قۇرۇلتاي ئىشتىراكچىلىرى قول كۆتۈرۈش ئارقىلىق قوشۇلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
سايلام نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىنىڭ رەسمىي ئەزالىققا 7 كىشى، قوشۇمچە ئەزالىققا 7 كىشى سايلاندى. جەمئىيەتنىڭ تەپتىش ھەيئىتىگە 3 كىشى رەسمىي ئەزالىققا، 3 كىشى قوشۇمچە ئەزالىققا سايلاندى.
جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىكىگە يەنە سابىق رەئىس ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سايلاندى. ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى 7 كىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، ئابدۇلكەرىم كۇچار، مۇساجان، نېمەتۇللاھ جان ۋە مۆمىنجان قاتارلىق 7 كىشى قايتىدىن سايلاندى.
تەپتىش ھەيئىتىنىڭ باشلىقلىقىغا ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم قايتىدىن سايلاندى. شۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە ئېلىپ بېرىلغان سايلام نەتىجىسىدە يېڭى رەئىس ۋە ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكى يېڭىدىن سايلاندى.
ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىكىنىڭ خىزمەت-مەسئۇلىيەتلىرىمۇ بېكىتىلگەن بولۇپ، جەمئىيەت رەئىسلىككە ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش كاتىپلىققا ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان، ئىجتىمائىي ئىشلار مەسئۇللۇقىغا ئابدۇلكەرىم كۇچار، تەشۋىقات ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا مۇساجان، نەشرىياتى ئىشلىرىغا مۆمىنجان، مالىيە ئىشلىرىغا نىمەتۇللاھ ئەپەندى مەسئۇل بولۇپ بەلگىلەندى.
يىغىندا يەنە جەمئىيەتنىڭ باش تەپتىشى ئابدۇلھەكىمخان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئىدارە ھەيئەت خىزمەتلىرى ۋە سايلام توغرىسىدىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قۇرۇلتاي يىغىنى ھېچقانداق پىكىر-ئىختىلاپ يۈز بەرمەستىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
بىز بۇ قۇرۇلتاي سايلام يىغىنى توغرىسىدا مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.