ئۇيغۇرلار رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئەھمەت داۋۇتئوغلۇغا تەلەپلىرىنى يەتكۈزدى

0:00 / 0:00

24-يانۋار كۈنى قەيسەرىدىكى ئۇيغۇرلار يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلاتنى تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇغا يەتكۈزدى.

تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ سابىق باشلىقى ئىسمەت يىلماز، باش مىنىستىر مۇئاۋىنى نۇمان قۇرتۇلمۇش ۋە لۈتفۈ ئەلۋان ئەپەندى قاتارلىق 10 ئەتراپىدا مىنىستىر ۋە كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزالىرى 24-يانۋار كۈنى ئىككى مۇھىم پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن قەيسەرى ۋىلايىتىگە كەلدى. بۇ پائالىيەتلەرنىڭ بىرىنچىسى قەيسەرى تىجارەت ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 120-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىم، ئىككىنچىسى بولسا تۈركىيە ئىقتىساد ۋە تىجارەت مىنىستىرى مۇستافا ئەلىتاش ئەپەندىنىڭ ئوغلىنىڭ توي مەرىكىسى بولۇپ، بۇنىڭغا قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئاياللار كومىتېتى مۇدىرى رابىيە ئىلكتۈرك خانىم ۋە مالايشىيا، تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە كېلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن بىر قانچە ئائىلە ئۇيغۇر تەكلىپ بويىچە ئىشتىراك قىلغان. بۇ توي جەريانىدا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ قاتارلىق كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئالدى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا قىلغان ياردىمى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش توغرىسىدىكى تەلەپلىرىنى ئىلتىماس شەكلىدە سۇنغان.

بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئالدى بىلەن قەيسەرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر ئىككى پائالىيەتكە تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقىنى شۇنداقلا 2 يېرىم سائەت داۋاملاشقان توي جەريانىدا تاييىپ ئەردوغان، ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ ۋە مۇناسىۋەتلىك مىنىستىرلار بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى سۇنغانلىقىنى بايان قىلدى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى يېڭى كەلگەن مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرى، ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى ئوقۇتالىشى، سالامەتلىك خىزمىتىدىن بەھرىمەن بولالىشى، خىزمەت تېپىپ تۇرمۇشىنى قامدىيالىشى، خىزمەت تاپالىشى ئۈچۈن بالدۇرراق پۇقرالىققا ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى قەيسەرىدە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، كۆپىنىڭ ئىستانبۇل ۋە باشقا شەھەرلەردە تارقاق ياشاۋاتقاچقا، بەزى ئۇيغۇرلار باشقا يەرلەرگە ئۆز مەيلىچە كەتكەن بولغاچقا، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتەنداشلىققا ئېلىشىنى كېچىكتۈرۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ قاتارلىق ئالىي رەھبەرلەر رەپىقىلىرى بىلەن قاتناشقان تويغا، قەيسەرىگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر ئايال مۇساپىرلارنى ئېلىپ بېرىپ قاتناشقان قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئاياللار كومىتېتى مۇدىرى رابىيە ئىلكتۈرك خانىم توي جەريانىدا يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر ئاياللارنى تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ ۋە كارخانىچىلىرىنىڭ ئاياللىرى بىلەن تونۇشتۇرۇپ، ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەملىرىنى ۋە قەيسەرىگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە بۇ خىل تويلار، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دۆلەتكە دەيدىغان تەلەپلىرىنى ئالىي رەھبەرلەرگە يەتكۈزۈشى ئۈچۈن ياخشى بىر پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ.