دوكتور سىنان ئوگان تۈركىيە پارلامېنتىغا ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىش كومىتېتى قۇرۇش تەكلىپى سۇندى

0:00 / 0:00

تۈركىيە پارلامېنتىدا داۋاملىق ھالدا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش بىلەن تونۇلغان مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى دوكتور سىنان ئوگان ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىغا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا ياردەم قىلىش كومىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا تەكلىپ لايىھىسى سۇندى.

پارلامېنت ئەزاسى سىنان ئوگان ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن تەييارلانغان ۋە كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزاسى قول قويغان بۇ تەكلىپ لايىھىسى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى تۈركىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلدى. بۇ تەكلىپتە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلار توغرىسىدا ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدىغان بىر كومىتېت قۇرۇپ چىقىش تەلەپ قىلىنغان. تەكلىپتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر خىتاينىڭ زۇلۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقى، بۇ زۇلۇمغا چىدىيالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقى، كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەگە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ كەلگەنلىكى، بۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا ياشاۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ ئىستانبۇلدەك چوڭ شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتقانلىقى، قۇرۇلىدىغان كومىتېتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانى، دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلىرى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان تەلەپلىرى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ھەل قىلىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

2015 يىلى، 4362- نومۇرلۇق بۇ تەكلىپ خېتى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش مۇۋاپىق كۆرۈلسە، تۈركىيە پارلامېنتى ئومۇمىي يىغىنىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش كومىتېتى قۇرۇلىدىكەن.

بىز بۇ تەكلىپ لايىھىسى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن سېيىت تۈمتۈرك ۋە ھامۇتخان كۆكتۈرك بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىلىرى قاتارىغا كىرىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.