ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي زۇلۇمى ۋە بېسىمى چېكىدىن ئاشقانسېرى، تۈركىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى ۋە قوللىشى كۈچەيمەكتە. 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستان قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ-بىزچۇ؟ دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.
بۇ يىغىننى ئى ھا ھا ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق ۋە ياردەم فوندى، تەلىم-تەربىيە جەمئىيىتى، ئېھسان جەمئىيىتى، خاس باغچە جەمئىيىتى، دەۋەت ۋە قېرىنداشلىق جەمئىيىتى قاتارلىق 9 ئاممىۋى تەشكىلات بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ يىغىنغا 800 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ۋە يىغىندا سۆز قىلدى.
يىغىنغا مارمارا ئېف ئېم رادىئوسىنىڭ دىرېكتورى ئاياز ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا ئالدى بىلەن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىندى.
يىغىندا دەۋەت ۋە قېرىنداشلىق فوندىنىڭ مۇدىرى مۇھەررەم گۈنەش ئەپەندى سۆز قىلىپ ئىسلام دىنىدا قېرىنداشلىقنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە شەرقىي تۈركسىتاندىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىش، ئۇلارنى يالغۇز تاشلاپ قويماسلىق بىزنىڭ دىنىي ۋە مىللىي مەجبۇرىيىتىمىزدۇر، دېدى.
يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان مارمارا ئېف ئېم رادىئوسىنىڭ دىرېكتورى ئاياز ئەپەندى، سۆزىدە يىغىن ئەھلىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ئۇ يەرگە بېرىپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جاھارەتلىرىگە مەلھەم سۈرتەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئەمما بۇ يەردە تۇرۇپمۇ ئۇلار ئۈچۈن قىلالايدىغان ئىشلار بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن خالىس دۇئا قىلىش بىلەن ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى ئىپادىلىيەلەيمىز. جىھاد پەقەت قىلىچ ۋە قالقان بىلەنلا ئەمەس، بۈگۈنكى كۈندىكى پەن - تېخنىكا بىلەنمۇ جىھاد قىلغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە ئولتۇرغان ئاكىلار ۋە ئاچىلار ئۆز ئىمكانلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىسى ئارقىلىق بۇ زۇلۇمنى باشقىلارغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارغا دەستەك بېرەلەيمىز. يەنى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار نامايىش ياكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغاندا بۇ نامايىشقا كۆپلەپ ئىنسانلارنىڭ قاتنىشىشى ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە كۆپلەپ ئىنسانلارنى ئۇنىڭغا چاقىرىق قىلىش ئارقىلىق دەستەك بېرەلەيمىز. بىزنىڭ كۈرىشىمىز مۇشۇ ئۇسۇلدا بولىدۇ، مۇھىم بولغىنى ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنى خالىس دۇئالاردا ئۇنتۇماستىن ياد ئېتىپ تۇرۇش ۋە ئۇلارنى قوللاشتۇر.
يىغىندا سۆز قىلغان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي، جۇغراپىيىسى، ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى تەپسىلىي ئاڭلاتتى. كېيىن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.
2 سائەت داۋام قىلغان يىغىن شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازاد بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىلەن ئاخىرلاشتى.
يىغىن زالىنىڭ ئالدىدا رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە يېمەك-ئىچمەك سېتىپ ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتتە سېتىلغان ئەشيالارنىڭ كىرىمى شەرقىي تۈركىستانغا ئىئانە قىلىنىدىكەن.
رەسىم كۆرگەزمىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي ئىشغالچىلىرى تەرىپىدىن زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان كۆرۈنۈشلەر قويۇلغان.
يىغىننىڭ تەپسىلاتى توغرىسىدا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.