شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى خىزمەت روھىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلەندى

0:00 / 0:00

2015-يىلى 22-مارت يەكشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خىزمەت-پائالىيەتلەرنى ئاكتىپلاشتۇرۇش، يېڭى پىلان-لايىھە تۈزۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە تەكلىپ بېرىش توغرىسىدا بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيەتنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شۆبىسى ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىنغا جەمئىيەتنىڭ ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى، ئەزالىرى، ۋە جەمئىيەت تارمىقىدىكى شۆبىلەر، تەشۋىقات، تەتقىقات، نەشرىيات ۋە ئىجتىمائىي خىزمەت بۆلۈملىرىدىكى مەسئۇل ۋە خادىملار بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.

يىغىن «قۇرئان كەرىم» تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. يىغىندا جەمئىيەت رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەدە كۈچلۈك بىر تەشكىلاتقا ئايلىنىشى ئۈچۈن جامائەتلىشىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى، ئەزالار ئۈچۈن دىنىي ۋە سىياسىي ساھەلەردە مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ يىغىن ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق بىلىم سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان جەمئىيەتنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پۈتۈن ئەزالارنىڭ ئاكتىپ بولۇشى، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن خىزمەتكە تەييار تۇرۇشى، خىزمەت پائالىيەتلەرگە ۋاقىت ئاجرىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

يىغىندا يەنە جەمئىيەتنىڭ باش مۇپەتتىشى دىنىي ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆز قىلىپ خىزمەت جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتىكى بەزى ھايات تەجرىبىلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە يەنە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بىلىم-سەۋىيەنى ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى ۋە مۇكەممەل خىزمەت قىلىش ئۈچۈن پىداكارلىق روھى ۋە يېتەرسىزلىكنى تولۇقلايدىغان بىر ئاڭ بولغاندا خىزمەتلەرنى تولۇق ۋە مۇكەممەل قىلىدىغان سەۋىيىگە يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە يەنە، ھەر بىر جەمئىيەت ئەزاسىنىڭ ھەر قانداق ساھەدە مۇكەممەل خىزمەت قىلالايدىغان سەۋىيىگە يېتىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنى تەكلىپ قىلىپ كۇرس ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى بۇنىڭ ئۈچۈن ئىدارە جەمئىيەتتىن شارائىت يارىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىندا ئاساسلىقى، جەمئىيەت ئەزالىرىنىڭ بېلىم سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش، خىزمەت روھىنى ئۆستۈرۈش، ئاكتىپچانلىقنى كۈچەيتىش، تەشكىلىي ئاپپاراتىنى چىڭىتىش توغرىسىدا مۇھىم تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.