ئىستانبۇلدا «خىتاي ۋە رۇسىيە زۇلۇمىغا تەرك ئېتىلگەن تۈركىستان» دېگەن تېمىدا يىغىن ئېچىلدى

0:00 / 0:00

13-ماي كۈنى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنىۋاتقان «كۆكلى دېگىشىم» نامىدىكى ژۇرنالنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «خىتاي ۋە رۇسىيە زۇلۇمىغا تاشلاپ قويۇلغان تۈركىستان» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

ئىستانبۇل توپ قاپىدىكى ھولىدەي ئىن مېھمانخانىنىڭ يىغىن زالى يىغىنغا قاتناشقان ياشلار بىلەن لىق تولدى. يىغىن قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. كېيىن رۇسىيە ۋە خىتاي زۇلۇمى تونۇشتۇرۇلغان بىر ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى.
يىغىندا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشايدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك خەلقلەرنىڭ مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا «كۆكلى دېگىشىم» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى مەھمەت قارا ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك خەلقلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى ۋە تۈركىيە خەلقىنى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ۋە ھۆكۈمەتنى بۇ مەسىلىلەرنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى.

مەھمەت قار ئەپەندى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسىلىلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ بىر مەسىلىلىرى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بىز كۆكلى دېگىشىم ژۇرنىلى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تۈركىستان جۇغراپىيىسىدىكى رۇس ۋە خىتاي زۇلۇمىنى، ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان دىكتاتور ئەمەلدارلارنىڭ قەبىھ جىنايەتلىرىنى ۋە پىلانلىرىنى پاش قىلىشنى داۋام قىلىمىز. تۈركىستاننىڭ ئىگىسىز ئەمەسلىكىنى، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ زۇلۇمىغا تاشلاپ قويۇلمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم بۇ يەردىن ئېلان قىلىمىز ۋە خاتىرىلىتىمىز.»

يىغىندا ئاساسلىقى تۈركىستان جۇغراپىيەسىدىكى دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆز خەلقلىرى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمى، بېسىملىرى ۋە توپلاپ تۇتۇش قاتارلىق سىياسەتلىرى تەنقىد قىلىندى.

يىغىندا يەنە خىتاي زۇلۇمىدىن قېچىپ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەكلىكى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئىقامەت ئېلىش قاتارلىق ئىجتىمائىي ھاياتتا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش تەلەپ قىلىندى ۋە بۇلارغا ياردەم قىلىشنىڭ بىر ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە مۇسۇلمانلىق ۋەزىپە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

ئۇيغۇر مۇساپىر ۋە مۇھاجىرلارنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق، ئىقامەت رۇخسەت خېتى ئالالماسلىق ۋە ياكى قايتىدىن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى سەۋەبىدىن ھەر خىل بېسىملارغا مۇشۇ يەردىمۇ دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىندا سۆز قىلغان يازغۇچى فارۇق كۈسە ئەپەندى تۈرك مۇسۇلمانلىرىنى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەدە مۇسۇلمان تەبىقىلەر ۋە ئۇلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئاممىۋى تەشكىلاتلار، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارغا ئىگە چىقىۋاتىدۇ، شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان مەزلۇم ئۇيغۇر تۈرك مۇسۇلمانلىرىنى خۇددى كۆرمىگەندەك كۆز يۇمۇۋاتىدۇ. چۈنكى بۇلار تۈرك بولۇپ يارىتىلمىش، ئۇ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرىگە ئىگە چىقىدىغان بولسا ئىرقچىلىق قىلغانلىق بولىدۇ، دەپ خاتا چۈشەنچە بىلەن قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلار ھەم تۈرك، ھەم مۇسۇلمان بولۇپ يارىتىلمىش، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ خاتا چۈشەنچىدىن ۋاز كېچىشى لازىم ۋە ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىش جەھەتتە ئادىل بولۇشى كېرەك.»

يىغىندا يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بىلەن ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ھامۇت كۆكتۈرك سۆز قىلىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.

يىغىندا سۆز قىلغان ھامۇت كۆكتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بېسىملار توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىشغالچى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ھازىر ھېچ قانداق ئېتىراز ۋە قارشىلىققا ئۇچرىماستىن بېسىم، زۇلۇم ۋە ئىرقىي ئاسسىمىلياتسىيە، دىنىي ۋە مىللىي قىرغىنچىلىقنى خاتىرجەم ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈۋاتىدۇ. خىتاي ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ ۋەھشىي قىرغىنچىلىقىنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. خىتاي روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش، ھەج ئىبادىتىنى ئادا قىلىش، قۇرئان كەرىمىنى ساقلاش، ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشنى چەكلىدى. روزا ئېيىدا مۇسۇلمانلارنى ھاقارەت قىلىدۇ ۋە كەمسىتىدۇ.»

يىغىندا سۆز قىلغان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختالدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان سۆزىدە يەنە بىر قىسىم گېزىت ۋە تېلېۋىزىيە قاناللارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېسىم يوق دېگەن مەزمۇندا تارقاتقان خەۋەرلىرىگە رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىبادەت قىلىشىغا چەكلىمە قويۇلدى. ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇشنى ئومۇمىي جەھەتتىن چەكلىمىگەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئىدارە، جەمئىيەتلەردە مەمۇرلارغا، ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارغا چەكلىمە قويۇلغانلىقى توغرىسىدا ھۆججەتلەر تارقالدى. دۇكان، ئاشخانىلاردا ھاراق ۋە تاماق سېتىش مەجبۇر قىلىندى. سەپەر قىلىش كارتىلىرى، جامىگە كىرىش كارتىلىرى تارقىتىلدى. يوللارغا توسۇق قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ. سەپەر قىلىش كارتىسى بولمىغانلار تۇتۇپ قامىلىدۇ، بۆ توغرىدا قولىمىزدا رەسىم، بەلگە ۋە ھۆججەتلەر بار.»