تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى كومىتېتى مۇدىرى، پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا يەنەرئوغلۇ شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزالىرىدىن تەركىب تاپقان 8 كىشىنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلغان.
تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان بۇ ئۇچرىشىشتا، تەشكىلاتنىڭ باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى، مۇستافا يەنەرئوغلۇغا ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەن.
بۇ قوبۇل ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى بۈگۈن تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ چوڭ زالىدا ئالدى بىلەن تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ئەپەندىنىڭ نۇتقىنى ئاڭلىغانلىقىنى، ئارقىدىن تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى كومىتېتى رەئىسى مۇستافا يەنەرئوغلۇ ئەپەندىنىڭ ئۆزلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇقادىر تۈمتۈرك ئەپەندى تۈركىيە ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى كومىتېتىدا تايلاندتا تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قۇتۇلدۇرۇش، تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە ئوخشاش 4 تۈرلۈك تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ياشلار كومىتېتى مەسئۇلى ئابدۇغېنى بېكىن ئەپەندى ھەيئەتنىڭ تۈركىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئۆتكەنلىكىنى، مۇستافا يەنەرئوغلۇ ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بايان قىلدى.
شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشقۇرۇش ھەيئىتى ئەزاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر مۇدىرى مۇستافا يەنەروغلۇ ئەپەندىنىڭ ئۆزلىرىنى ئۈمىدلەندۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
تۈركىيە ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى كومىتېتى 2013-يىلى 10-ئايدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا قارار ماقۇللاپ، خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىگە ئىلتىماس سۇنغان ئىدى. ئەمما، بۈگۈنگىچە جاۋاب ئالالمىغان. ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ھەر يىلى تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى دوكلات قىلىپ تەييارلاپ ھۆكۈمەتكە سۇنۇپ كەلمەكتە.