28-ئىيۇل كۈنى يەكەندە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇرلار خەلقئاراغا تارقالغاندىن كېيىن تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل شەھىرىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى ئەيىبلىدى.
ئارقىدىن 8-ئاينىڭ 3-كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، يەكەن ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ يوقىتىلىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ھەق- ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا 28-ئىيۇلدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە يارىدار بولغانلىقى توغرىسىدىكى قايغۇلۇق خەۋەردىن ۋاقىپ بولدۇق. ئۆلگەن كىشىلەرنىڭ سانى توغرىسىدا ئوخشىمىغان خەۋەرلەر كەلمەكتە. ئەمما ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ئېنىق بولدى. تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقىنى ئېيتماقتا. بۇ سەۋەبتىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇ ھەقتە ئادىللىق بىلەن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى توغرىسىدا تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى، بۇ ۋەقەنى چىقارغان كىشىلەرنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى ئېنىقلاپ چىقىشىنى كۈتمەكتىمىز. رايوندا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ بۇندىن كېيىن ئىككىنچى مەيدانغا كەلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز شۇنداقلا بۇ ۋەقەنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ يوقىتىلىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىي ۋە دىنىي ئەركىنلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن ھەق - ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى كۈتمەكتىمىز.»
بىز بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەكەن ۋەقەسى توغرىسىدا بەرگەن باياناتىنىڭ دىپلوماتىيەلىك تىل بىلەن تەييارلانغان بايانات ئىكەنلىكىنى، بۇرۇنقى باياناتلارغا ئاساسلانغاندا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسىلىنى ئۆزلىرى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.