6-نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» نىڭ كامپ-دالا پروگراممىسى 4-ئاۋغۇست ئەتىگەن سائەت 9 دا باشلاندى. يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىستراتېگىيە ساھەلىرىدە بىر مەركىزى ئاپپاراتقا ئېھتىياجى بارلىقى، ھەر ساھەدىكى كۈچلەرنىڭ ئورتاق بىرلىك ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.
يىغىندا يەنە ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىجارەت شىركەت قۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەكلىپ-پىكىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىنغا قەھرىمان ماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا رىياسەتچىلىك قىلدى.
بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنى جەھەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلىرى ۋە ھەل قىلىش چارە ئۇسۇللىرى دېگەن تېمىدا بولدى.
يىغىندا سۆز باشلىغان ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، بۇ قېتىملىق «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى»نىڭ ئەھمىيىتى ۋە غايە-مەقسەتلىرى توغرىسىدا توختالدى.
يىغىندا، مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار، ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر، فىنلاندىيە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ رەئىسى دوكتور مەمەتئېلى قارىم، دىنى ئەمەل-ئىبادەتكە قارىتا دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر، دىنى ئالىم ئابدۇلخېلىل ئابىت، ئەدەپ-ئەخلاق ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلەرگە قارىتا دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر مەسىلىلىرىدە سۆز قىلدى.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ باش تەپتىشى دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر توغرىسىدا توختالدى.
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
خەلقىمىز، دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم تەھدىتلەرنىڭ بىرى، يۇقىرى سەۋىيىلىك كىشىلەردىن تەركىب تاپقان ئۆز خەلقىگە جانىجان كۆيۈنىدىغان بارلىقىنى خەلقىمىز ئۈچۈن بېغىشلايدىغان بىر سىياسىي ئورگاننىڭ بولمىغانلىقىدۇر. يۇقىرى سەۋىيىلىك ئوقۇغان، بىر قانچە تىل بىلىدىغان بىلىملىك كىشىلەردىن تەركىب تاپقان بىر سىياسىي ئورگانغا ئېھتىياجىمىز بار.
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە يەنە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ئۈچۈن ئىقتىسادىي كىرىم ھاسىل قىلىدىغان بىر مەنبەگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرىنىڭ دىنى زىيالىيلار بىلەن پەننى زىيالىيلار ئوتتۇرىسىدا قويۇق مۇناسىۋەتنىڭ يوقلۇقى، بۇلارنىڭ ئىتتىپاق ئىچىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا «ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ھەل-چارىلىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئاتاۋۇللاھ شەھيار مۇنداق دېدى: تارىخىمىزغا قارايدىغان بولسا، خىتاي 1982-يىلىغىچە ئىسلام دىنىنى يوقىتىشقا ئۇرۇندى ئەمما مەغلۇپ بولدى. كېيىن دىندىن پايدىلىنىش، دىننى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلدى. ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلىنغان ئىسلام جەمئىيەتلىرى ۋە مەدرىسىلەر ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەمەس خىتاي مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇرۇلغان ئورگانلاردۇر.
يىغىننىڭ چۈشتىن كېيىنكى بۆلۈملىرىدە ئۆز-ئارا پىكىر بايان قىلىش، مۇنازىرە قىلىش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار يىغىندا سۆز قىلغۇچىلارنىڭ تېمىلار ئۈستىدە پىكىر بايان قىلدى.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى پىكىر-بايان قىلىپ ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم نۇقتىلارنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن دەرھال قەدەم بېسىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا يەنە نورۋېگىيەدىن كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي قۇربانجان ئەپەندى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن كىرىم مەنبەسى ئۈچۈن تىجارىي شىركەت قۇرۇش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
6-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى «شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلىش چارە-تەدبىرلىرى» دېگەن تېمىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، 5 ئاساسىي چوڭ تېما ۋە ھەر بىر تېما 4 تىن تارماق تېمىدا ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلۈۋاتىدۇ.
«دالا كامپ پروگراممى» سىنىڭ 1-كۈنى شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنى دۇچ كېلىۋاتقان بېسىم ۋە تەھدىتلەر ۋە ھەل قىلىش چارە-ئۇسۇللىرى مەسىلىلىرى تېمىسىدا 5 كىشى سۆز قىلدى. 2-كۈنى ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەردىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ھەل قىلىش چارە-ئۇسۇللىرى دېگەن تېمىدا، 3-كۈنى ئاسسىمىلياتسىيە، نوپۇس تەڭپۇڭسىزلىقى ۋە ھەل قىلىش چارە-ئۇسۇللىرى دېگەن تېمىدا. 4-كۈنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى تىل-يېزىق ۋە مائارىپ جەھەتتىكى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ھەل قىلىش چارە ئۇسۇللىرى دېگەن تېمىدا، 5-كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرىگە قارىتا دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەر ۋە ھەل قىلىش چارە-ئۇسۇللىرى دېگەن تېمىلاردا سۆز بولۇپ، ئىلمىي ماقالىلەر تەقدىم قىلىنىدۇ.
يىغىن چۈشتىن بۇرۇن يۇقىرىدىكى تېمىلار بويىچە سۆز قىلىش، ئىلمىي ماقالە ئوقۇش بويىچە داۋام قىلىۋاتىدۇ، چۈشتىن كېيىن بولسا چۈشتىن بۇرۇن تەقدىم قىلىنغان تېمىلار بويىچە سوئال-جاۋاب، بەس-مۇنازىرە ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.