شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئىستانبۇل ئېچىلغان 6-نۆۋەتلىك «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىش يىغىنى» دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 100 گە يېقىن كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىر ھەپتە داۋام قىلغان بولۇپ، دالا كامپ پائالىيىتى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاخىرلاشتى.
دالا كامپ پائالىيىتى ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان كامپ پائالىيىتىنىڭ خۇلاسە دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان خۇلاسە دوكلاتىدا مۇنداق دېدى: ئەزىز مۆھتەرەم قېرىنداشلار! بىز بۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتلەردىن 21 تۈرلۈك چوڭ تەھدىت ئۈستىدە ئىلمىي دوكلاتلار ئاڭلىدۇق، پىكىر بايان قىلىشتۇق، مۇزاكىرە ۋە مۇنازىرە ئېلىپ باردۇق. يەنى ھەر كىم يۈرىكىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى مۇھىم پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خۇلاسە دوكلاتتا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ھەر بىر كىشى ئۆزىنىڭ ئەقلى، ۋاقتى، پىكىر-تەپەككۇرى، بىلىمى ۋە ئىقتىسادىي بىلەن داۋا ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ دوكلاتىدا يەنە دىنىي زىيالىيلار بىلەن پەننىي زىيالىيلارنىڭ ھەمكارلىقى، تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، مەدەنىي-مائارىپ شۇنىڭدەك ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تىلى ئىنستىتۇتى قۇرۇس قاتارلىق كۆپلىگەن مەسىلىلەر تەكىتلەندى.
بۇ يىغىنغا قاتناشقان ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋا پائالىيىتى ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.