پاكىستان پالاتا ئەزاسى ۋە ئى ھ ھ مەسئۇللىرى ئۇيغۇر تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلدى

0:00 / 0:00

23-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان ئى ھ ھ (IHH) ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى فوندى ھەيئىتى ۋە پاكىستان كېڭەش پالاتا ئىچكى كابىنېت دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد تالھا مەھمۇد شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى.

تۈركىيەدىكى خەلقئارالىق ئىجتىمائىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولغان ئىنسان ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى فوندى جەمئىيىتى(قىسقىچە ئى ھ ھ)نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەيىن ئورۇچ باشچىلىقىدىكى 12 كىشىلىك بىر ھەيئەت شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىدە زىيارەتتە بولدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى مەسئۇللىرىدىن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم بىلەن باشقا ئىدارە ھەيئەت رەھبەرلىرى ئىنسان ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى فوندى ھەيئىتى بىلەن بىرگە پاكىستان كېڭەش پالاتاسى ئىچكى كابىنېت دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد تەلھا مەھمۇدنى جەمئىيەت مەركىزىدە كۈتۈۋالدى.

زىيارەت جەريانىدا ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، مۇھەممەد تەلھا مەھمۇد ۋە ھۈسەيىن ئورۇچ قاتارلىق رەھبەرلەرگە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى. ئۈچ تەرەپ قىزغىن سۆھبەت ئېلىپ باردى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

بىز بۇ زىيارەت توغرىسىدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ۋە باش كاتىپى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئابدۇلئەھەد ئابدۇراخمان ئەپەندى بۇ زىيارەت توغرىسىدا توختىلىپ ئىنسان ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى فوندىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان بىر تەشكىلات ئىكەنلىكىنى، بۇ تەشكىلات شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرىدە يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئۇلارنى زىيارەتكە تەكلىپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان بۇ زىيارەت توغرىسىدا توختالدى ۋە زىيارەتچى ھەيئەت بىلەن ۋە پاكىستانلىق ئىچكى كابىنېت ئاۋام پالاتا ئەزاسى مۇھەممەد تالھا مەخمۇت بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىنى ۋە پاكىستاننىڭ خىتاي بىلەن ئەمەس، ئۇيغۇرلار بىلەن چېگرىداش قوشنا ئىكەنلىكىنى، پاكىستان خەلقىنىڭ خىتاي بىلەن ئەمەس، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار بىلەن ھەقىقىي ئىسلامى قېرىنداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە پاكىستاننىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆز يۇمماسلىق كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بىز پاكىستانلىق كېڭەش پالاتا ئەزاسى مۇھەممەد تالھا مەھمۇد ۋە ئى ھ ھ ئىنسان ھەق ۋە ھۆرىيەتلىرى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى فوندىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ھۈسەيىن ئورۇچ بىلەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۈچۈن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدۇق، بىراق ئۇلار ۋاقتىنىڭ قىسقا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كېتىپ قالدى.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان كېڭەش پالاتا ئەزاسى مۇھەممەد تالھا مەھمۇد ئەسلىدە مۇشاھىد ھۈسەيىن قاتارلىق پاكىستان كېڭەش پالاتاسى ۋە پاكىستاننىڭ ھەر قايسى پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان 8 كىشىلىك ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلىرى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن بولۇپ، 15-ئىيۇل تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئىسيانغا قارشى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەش مەقسىتىدە رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن. پاكىستانلىق بۇ ھەيئەت 19 -ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيە جۇمھۇرىيەت سارىيىنى زىيارەت قىلىپ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردۇغان بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئىستانبۇلغا كېلىپ شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى زىيارەت قىلغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن بۇ ھەقتىكى سۆھبەت پروگراممىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.