تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلات رەھبىرى: «شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى كۈچلەندۈرۈش شەرت»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.09.18
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
fahrettin-yoqush.jpg 450 مىڭ ئەزاسى بار تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى فاھرەتتىن يوقۇش(ئوتتۇرىدا كۆزەينەكلىك) ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نامايىشتا. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس)
RFA/Erkin Tarim

450 مىڭ ئەزاسى بار تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى كۈچلەندۈرۈش شەرت» دېدى.

دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەردە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولى ناھايىتى زور. ئوخشىمايدىغان كەسىپ، ئوخشىمايدىغان ساھە ۋە ئوخشىمايدىغان سىياسىي كۆز قاراشتىكى كىشىلەر ئۆز مەنپەئىتىنى قوغداش، ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ تەشكىلاتلار ئۆز ساھەسىدىكى ياكى دۆلىتىدىكى مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلگەندىن سىرت، دۇنيا مەسىلىلىرىگىمۇ كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھەر خىل يوللار ئارقىلىق مەسىلىلەرنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىدۇ. ئۇنداقتا شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەزىپىسى نېمە؟ تۈركىيەنىڭ 450 مىڭ ئەزاسى بار تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى رەئىسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى:
‏- بىرىنچىسى، تۈركىيەدە كۆپ ساندا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز بار. ئۇلارنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە ۋە قەيسەرى قاتارلىق شەھەرلەردە بىر قانچە تەشكىلاتىمۇ بار. بۇ تەشكىلاتلارنى كۈچلەندۈرۈش كېرەك. تۈركىيەگە شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىز قۇرغان تەشكىلاتلار بەك مۇھىم. بۇلارنى كۈچلەندۈرگەندىن كېيىن، بۇلار ئارقىلىق تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئاسان بولىدۇ. ئوخشىمايدىغان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتىمۇ ئوخشىمايدۇ. تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى دۆلەت ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتقان كادىرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغداش، ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش. ئەلۋەتتە تۈرك مىللىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پۈتۈن مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بۆلىمىز. ئەمما مەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئەتراپلىق كۆزىتەلمەسلىكىم مۇمكىن. ئەمما شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئىزچىل ھالدا شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ دوكلات تەييارلاپ تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا يەتكۈزۈپ تۇرسا، بىزمۇ تۈرك ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ۋە ھۆكۈمىتىمىزگە ئاڭلىتىمىز.

تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى مۇئاۋىن رەئىسى فاھرەتتىن يوقۇش ئەپەندى، ئەگەر شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى كۈچلىنىپ، ھەرىكەتلەنسە، باشقىلارنىمۇ ھەرىكەتلەندۈرىدىغانلىقىنى، تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
‏- تۈركىي مىللەتلەر ھەمكارلىق بىرلىكىنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان، قازاقىستان، سېيپرۇس ۋە تاتار تەشكىلاتلىرى، ۋەقىپلەر ۋە جەمئىيەتلەر بار. بىزنىڭ بۇ بىرلىكنى قۇرۇشىمىزدىكى مەقسەت تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەرگە قارىتا بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى تۈرك دۇنياسىغا ئاڭلىتىش. ھازىر شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسىگە ئايلاندى. ئەپسۇسكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى كۈچلۈك بولالمىدى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشتا مەسىلە بار. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياخشى ئاڭلىتالمايۋاتىدۇ. شۇڭا تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى كۈچلەندۈرۈش شەرت دەپ ئويلايمەن.

ئۇ، قېرىنداش ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭمۇ مىللىي دەۋاسى ئىكەنلىكىنى، بۇندىن كېيىنمۇ قوللاشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
- شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەقىقەتەن تۈرك مىللىتىنىڭ قانىغان يارىسى. ئەپسۇسكى، تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك، تەسىرلىك دۆلەت بولالماسلىقىنىڭ دەردىنى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزمۇ تارتىۋاتىدۇ. خىتاي بولسا ئىقتىسادىي تەسىرى كۈچلۈك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا رەت قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بىر دۆلەت. ئەمما خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە دۆلەتلەرنىڭ مىللىي مەنپەئەتى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇر دەۋاسىغا پۈتۈن ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرى ئىگە چىقىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، بۇ دۆلەتلەر يېتەرلىك دەرىجىدە ئىگە چىقمايۋاتىدۇ. ئەمما، بىز تۈركىيەدە 450 مىڭ ئەزاسى بار ئەڭ چوڭ ئاممىۋى تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن بۇندىن كېيىنمۇ قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز.

بىز ئۇزۇن يىل شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باشلىقى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلىنەلمەسلىكىدىكى ئەڭ مۇھىمىنىڭ تارىختىن ساۋاق ئالماسلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ يوللىرى بولسا، پىكىر ۋە مەپكۇرە بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلىيلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.