تۈركىيەنىڭ چورۇم ۋىلايىتىدە «شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان چورۇم ۋىلايىتىنىڭ مەركىزىي شەھىرى بولغان چورۇم شەھىرىدە 9-ئاينىڭ 20-كۈنى «شەرقىي تۈركىستاندا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى.

تۇرغۇت ئۆزەل يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىننى تۈركىيە ئەدەبىياتچىلار جەمئىيىتى چورۇم شۆبىسى بىلەن ئالپەرەن ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا چورۇم ۋىلايىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، زىيالىيلار، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاممىدىن بولۇپ 500 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. مەزكۇر يىغىندا د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى. دوكلات بېرىش يىغىنى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن ئەدەبىياتچىلار جەمئىيىتى شۆبە باشلىقى تۇرھان جاندان ئەپەندى بىلەن، ئالپەرەن تەشكىلاتى مەسئۇلى فاتىھ يۈجەل ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى. تۇرخان جاندان ئەپەندى نۇتقىدا يېقىندىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كېلىۋاتقان ۋەقەلەرنى پۈتۈن تۈرك خەلقىنىڭ يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى، تۈركلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئۈستىگە چۈشكەن بۇرچىنى ئادا قىلالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەردى. ئۇ، دوكلاتىدا ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر دەرت-ئەلەمنى ئۇيغۇرلارنىڭ تارتىۋاتقانلىقىنى، يەكەن قىرغىنچىلىقىدا كۆپ ساندا كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ بۇنىڭ جانلىق مىسالى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. سېيىت تۈرمتۈرك ئەپەندى دوكلاتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ دۇنيادىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن، تۈرك ھۆكۈمىتىنى، تۈرك خەلقىنى ئۇيغۇرلارنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە، ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلاڭلار.