بۇرسادىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا «جازا لاگېرلىرى» مەسىلىسى باش تېما بولدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ بۇرسا شەھىرىگە جايلاشقان «ياشلىق ۋە تەنتەربىيە جەمئىيىتى» تەرىپىدىن مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت «ئاسارەت ئاستىدىكى تۈركلەر يۇرتى-شەرقىي تۈركىستان» دېگەن تېمىدا ئىلمىي دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

مەزكۇر يىغىندا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئالى ئاخمەتبېيوغلۇ «شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىسقىچە تارىخى»، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى خامىت گۆكتۈرك ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى» ۋە ئىستانبۇلدىكى مۇستەقىل تەتقىقاتچى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى «تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى بارمۇ؟» دېگەن تېمىلاردا دوكلات بەردى.

6-ئۆكتەبىر كۈنى بۇرسا شەھىرىدىكى ئۆردەكلى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر دوكلات بېرىش يىغىنىغا بۇرسادىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلىرى، ھەر قايسى سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ بۇرسا ۋىلايىتىدىكى مەسئۇللىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىدىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى ئىشتىراك قىلدى.

يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مەسئۇلى كەرىم گۈرسەل چەلەبى ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقىدا خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە سىياسىي تەقىبلەش سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز تۈرك مىللىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ئاڭلىتىپ، خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرمەكچىمىز. ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا، مەدەنىيىتىمىزگە ۋە تارىخىمىزغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يوق قىلىش سىياسىتىنى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى، ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز».

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى خامىت كۆكتۈرك ئەپەندى يىغىندىن كېيىن بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا خىتاينىڭ «جازا لاگېرلىرى ۋە بۇ لاگېرلارنى دەرھال تاقىشى ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بايان قىلدى.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى ئەپەندى يىغىندا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ھازىر بىر ئېنىق سىياسىتى بارمۇ يوق؟ دېگەن مەسىلە ۋە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەت شۇنىڭدەك تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيەسى ھەققىدە ئەتراپلىق پىكىر بايان قىلدى.

ئۇ يىغىندىن كېيىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەزكۇر يىغىندا كۆپ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ۋە ئۆز كۆزقاراشلىرىنى ھازىر ھاكىمىيەتنى باشقۇرۇۋاتقان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان بەزى مەسئۇللىرىنىڭمۇ ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئىزچىل ھالدا داۋاملىشىپ كەلمەكتە، ئۇنداقتا بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۈنۈمى بولۇۋاتامدۇ؟

خامىت كۆكتۈرك ئەپەندى بۇ خىل پائالىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى دۇنياغا ۋە تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن پايدىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يىغىنغا بۇرسادا ئوقۇۋاتقان كۆپ ساندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىمۇ ئىشتىراك قىلغان. بۇرسادىكى ئۇلۇداغ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىسى ئابدۇقادىر ئابدۇكېرىم يىغىندا كۆز يېشى تۆكۈپ تۇرۇپ، ئۆز ئائىلىسىنىڭ كۈلپەتلىرىدىن گۇۋاھلىق بەردى. ئۇ، بۇ ھەقتە توختالدى.

بۇرسادا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا دوكلات بەرگەن دوكتور پەرھات تەڭرىتاغلى ئەپەندى يىغىن ئاخىرىدا خامىت كۆكتۈرك ئەپەندىنىڭ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغۇچىلارغا سوۋغاتلارنى بېرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مېھمان-دوست خەلق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇرسادىكى كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى دىلەك يىلماز خانىم، ئۆزىنىڭ بۇ يىغىندىن كۆپ يېڭى مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ھەپتە ئاخىرىدا ‹ئاسارەت ئاستىدىكى تۈركلەر يۇرتى-شەرقىي تۈركىستان› تېمىسىدىكى دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدىم، مەزكۇر يىغىن مېنىڭ ئۈچۈن بەك پايدىلىق بولدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى توغرىسىدا كۆپ يېڭى مەلۇماتلارنى ئىگىلىدىم. بۇلاردىن سىرت بۈگۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغان دەرىجىدە زۇلۇم ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ خىتاي جازا لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇق. يىغىن بىز ئۈچۈن بەك پايدىلىق بولدى».

6-ئۆكتەبىر كۈنى بۇرسادا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدە «جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى» توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇھىم پائالىيەتلەردىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، تۈركىيەدىكى بەزى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بۇ خىل يىغىنلار ئارقىلىق تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى «لاگېر مەسىلىسى» گە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرماقتا.