15-17-نويابىر كۈنلىرى تۈركىيەدە چاقىرىلغان 4-نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى ئاخبارات مۇنبىرى» ناملىق يىغىندا ئۇيغۇر مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنى مەزكۇر ئاخبارات مۇنبىرىگە قاتناشتۇرۇش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
بۇ پىكىرنى «تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەت ۋە خەلقلەر خەلقئارالىق ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى گۈنگۆر ياۋۇزئاسلان ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويدى.
يىغىندا سۆز قىلغان بەزى كىشىلەر تۈركىي تىللىق مىللەتلەردىن يەنە مۇستەملىكە ۋە زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقانلارنىڭمۇ بارلىقى، ئورتاق ئاخبارات مۇنبىرى قۇرۇشنىڭ ئۇلارنىڭ مەسىلىسىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
يىغىن تۈركىيە باش مىنىستىرلىق تارمىقىدىكى مەتبۇئات ۋە ئۇچۇر ئىدارىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ قوللىشى بىلەن گىرنە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
يىغىندا تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى جېمىل چېچەك، مۇئاۋىن باش مىنىستىر بۇلەنت ئارىنچ، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى پارلامېنت رەئىسى سىبەل سىبەر، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئۆزكان يورغانجىئوغلى، مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سەردار دېنكتاش، تۈركىيەنىڭ لېفكوشا باش ئەلچىسى خېلىل ئىبراھىم ئاكچا قاتارلىق رەھبەرلەر ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
تۈركىيە پارلامېنت رەئىسى جېمىل چېچەك، بۇ يىغىننىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30-يىلىغا توغرا كەلگەنلىكىنى ۋە بۇنى قوش بايرام دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بۇ يىغىن پەقەتلا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ يىغىنى ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۆزىنى تۈرك دەپ بىلىدىغان، ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇلارنى ئۆز جىنى ۋە قېنىنىڭ بىر پارچىسى دەپ ھېس قىلىدىغان دۇنيادا قانچىلىك تۈرك بولسا ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر يىغىنىدۇر، ئورتاق بىر بايرىمىدۇر، مۇشۇنداق بولمىغان تەقدىردە بۇ يىغىننىڭ نامىنىڭ ھېچ قانداق بىر مەناسى بولمايدۇ.
جېمىل چېچەك سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: 21 دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوندىن بۇ يىغىنغا ۋەكىللەر قاتناشتى، بۇلاردىن 9 مۇستەقىل دۆلەت سالاھىيىتىدىكى ۋەكىللەر، باشقىلىرى ئاپتونوم رايون سالاھىيىتىدىكى ۋەكىللەردۇر. ئەمما بۇ دۆلەتلەرنىڭ ۋە بۇ يىغىنغا قاتنىشالمىغان باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ مەسىلىلىرى بارلىقىنى بىلىمىز. بەزىلىرى مىللىي ۋە مەزھەپ توقۇنۇشلارنىڭ پاتقاقلىرىدا، بەزىلىرى مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، بەزلىرى بولسا زېمىنلىرى ئىشغال قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن تىنچلىق ۋە ھۇزۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن تېپىرلاۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈرك دۇنياسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ بىر-بىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش مەجبۇرىيىتىمىز بار. ئەگەر مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلارنىڭ ئازابىنى قەلبىمىزدە ھېس قىلمىساق ۋە باشقىلارغا ھېس قىلدۇرالمىساق، بۇ يىغىننى «تۈركچە سۆزلىشىدىغان دۆلەت ۋە خەلقلەر مەتبۇئات مۇنبىرى» دەپ ئاتاشنىڭ ھېچ قانداق مەناسى بولمايدۇ.
يىغىننىڭ ئاساسىي مەقسىتى، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئورتاق بىر ئۇچۇر ئالاقە مەتبۇئات مەنبەسى قۇرۇش ۋە ۋە ھەمكارلىق ۋە مۇناسىۋەتلەرنى مەتبۇئات ئارقىلىق كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
يىغىندا «ھاۋادىس» گېزىتىنىڭ باشلىقى باشاران دۈزگۈن ئەپەندى سۆز قىلىپ دۇنيانىڭ كۆپلىگەن يەرلىرىدە تۈركلەرنىڭ مەسىلىلىرى بارلىقىنى بىلدۈردى ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ مەسىلىلىرى بار تۈركلەرنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
رايوندا تۈركلەرنىڭ كۈچلۈك بولۇشى ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان دۈزگۈن ئەپەندى: تۈرك تىلىدا سۆزلەيدىغان دوستلىرىمنى كۆرگەندە ھېچ كۆرۈپ باقمىغان تۇغقانلىرىم بىلەن تونۇشقاندەك خۇشال بولۇپ كېتىمەن، بىر-بىرىمىزگە قېرىنداشتەك مۇئامىلە قىلمىساق دۇنيا بىزنى چۈشەنمەيدۇ، دېدى.
يىغىندا سۆز قىلغان غازى ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر-ئالاقە فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى پروفېسسور زاكىر ئاۋشار مۇنداق دېدى: ئۆزىمىزنىڭ مەتبۇئات مۇنبىرىنى ئۆزىمىز قۇرۇشىمىز كېرەك، باشقىلاردىن بىر نەرسە كۈتمەيلى، تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى مەتبۇئاتلاردا خۇددى مەسىلە يوقتەك خەۋەر قىلىنىۋاتىدۇ.
پروفېسسور زاكىر ئاۋشار تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىرىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن مەتبۇئات مۇنبىرى قورۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: كەركۆك، ئىراق، سۈرىيە، قاراباغ، قىرىمغا ئوخشاش يەرلەردىكى بۇ مەسىلىلەرنى يوق دەپ ھېسابلىيالمايمىز، بۇ مەسىلىلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ مەتبۇئات ئۇچۇر مۇنبىرىنى ئۆزىمىز قۇرۇشىمىز كېرەك.
يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىدا، بۈگۈنكى كۈندە رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەرنى تىنچلىق يول بىلەن ھەل قىلىشتا مەتبۇئاتنىڭ چوڭ بىر رول ئوينايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ۋە تىنچلىق ئاخباراتچىلىقى چۈشەنچىسىنىڭ ژۇرنالىستلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ ھوشيارلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان بىر كەسپى نەزەرىيە ئىكەنلىكىنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.
يىغىن ئاخىرىدا تۈركچە سۆزلىشىدىغان دۆلەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گۆكخان گۈلەر يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتىنى ئوقۇپ ئۆتتى. دوكلاتتا، باكۇدا قۇرۇلۇپ ئېلان قىلىنغان تۈركچە سۆزلىشىدىغان دۆلەت ۋە خەلقلەر مەتبۇئات مۇنبىرى تەرىپىدىن بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەت ۋە خەلقلەر مەتبۇئات ئورگانلىرى ۋە ژۇرنالىستلار ئۈچۈن ئاكتىپ بىر ئۇچۇر-ئالاقە مۇناسىۋەت ئورگىنى قۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
ئۇچۇر ۋە مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشىش جەھەتتە تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەت ۋە خەلقلەر ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت قۇرۇش جەھەتتە ۋاسىتىلىك كۆۋرۈكلەرنىڭ كۈچلىنىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن خۇلاسە دوكلاتىدا، كەلگۈسىدىكى يىغىنلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ تۈرك دۇنياسىغا خىزمەت قىلغان مۇھىم شەخسلەردىن بىرىگە بېغىشلىنىدىغانلىقى قارار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى: تارىخ، تىل، مەدەنىيەت ۋە كىملىك بىرلىكى بىلەن چوڭقۇر بىر ئۆتمۈشكە ئىگە تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ ئۆز-ئارا ھۆرمەت ۋە ئورتاق قىممەت قاراشلارنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچلەندۈرۈش ئىدېئالى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى.
بۇ يىغىنغا شىمالىي قىبرىس، تۈركىيە، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، بۇلغارىيە، ماكېدونىيە، غەربىي تىراكىيە، گاگاۋۇز يېرى، قىرىم، كەركۆك، باشقۇردىستان ئاپتونوم رايونى، داغىستان ئاپتونوم رايونى، ھاكاسىيە ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، قاباردىن بالقار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، قاراچاي-چېركەس ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، تاتارىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، ساھا-ياقۇت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى، توۋا ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق تۈرك دۇنياسىنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونلىرىدىن ژۇرنالىستلار، ئاكادېمىكلەر، ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى ۋە سىياسىيونلار بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى.