ئىستانبۇلدىكى بىر يىغىندا شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستان بىرلىكى تەشەببۇس قىلىندى

0:00 / 0:00

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە چاقىرىلغان بىر يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستان خەلقلىرىنىڭ تارىختا بىرلىك ئىچىدە ياشاپ كەلگەنلىكىنى، رۇس ۋە خىتايلارنىڭ بۇلارنى پارچىلىغانلىقى، بۇ رايونلارنى «شەرقىي تۈركىستان» ۋە «غەربىي تۈركىستان» دېمەستىن، بەلكى پۈتۈن بىر تۈركىستان دەپ ئاتاش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

بۇ سۆزلەر 2014- يىلى 24-نويابىر دۈشەنبە كۈنى بىلگى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي تۈركىستان ۋە كافكازىيەدە جىمجىت قىرغىن» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىنغا بىگلى ئۇنىۋېرسىتېتى ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرى بۆلۈمىنىڭ ئوقۇغۇچىسى فاتىھ ئەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىنىدا ئۆزبېكلەر بىرلىكىنىڭ رەئىسى پروفېسسور ئەلىبەي يولياخشى، «ئۆزبېكىستاننىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى ۋە كەلگۈسى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلىپ، ئۆزبېكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان دۆلەتلەرنى رۇسىيىنىڭ يېتىشتۈرگەن كوممۇنىست ئەمەلدارلار ئىدارە قىلىۋاتقانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن خەلقنىڭ ھازىرغىچە دىكتاتور تۈزۈمدىن تولۇق قۇتۇلالمىغانلىقىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

ئەلىبەي يولياخشى ئەپەندى سۆزىدە يەنە 2005-يىلى ئۆزبېكىستاندا يۈز بەرگەن ئەندىجان قەتلىئامىنى رۇس ياكى خىتاي ئەمەس بەلكى ئۆزبېك رەھبەر كەرىمۇفنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى، خەلقنىڭ ئارزۇ ۋە تەلەپلىرىنى ئورۇنلاشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى قىرغىن قىلىپ ئۆلتۈرگەنلىكى ئۆزبېكىستاننىڭ تېخى تولۇق مۇستەقىل بولالمىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، جۇغراپىيىسى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى ئاڭلاتقاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان دىنىي، مىللىي مەدەنىيەت، تىل-يېزىق ۋە مائارىپ جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى چەكلىمىلىرىنى ئەمەلىي مىساللار بىلەن سۆزلەپ ئۆتتى.

ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق ئەپەندى سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەخمۇت قەشقىرىگە ئوخشاش بۈيۈك ئالىملارنى يېتىشتۈرگەن مەرىپەتپەرۋەر خەلق ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۈگۈنكى كۈندە «ئۇيغۇر خەلقى ناخشا-مۇزىكىسىز ياشىيالمايدۇ، ھەر بىر ئۇيغۇر ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ تۇغۇلىدۇ» دېگەندەك سەپسەتىلەرنى تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنى ئىلىم-مەرىپەت ئېلىشنىڭ ئورنىغا ناخشا-مۇزىكىغا قىزىقتۇرۇپ زېھىنلىرىنى زەھەرلىگەنلىكىنى بۇ ئارقىلىق خەلقنى نادان قالدۇرغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن قۇرئان كەرىمىنى تەرجىمە قىلغان مۇھەممەد سالھقا ئوخشاش، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتقان ئەركىن سىدىققا ئوخشاش نۇرغۇن ئالىملارنىڭ يېتىشىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز، بۇ يىغىن توغرىسىدا يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان بىلگى ئۇنىۋېرسىتېتى ياشلار كۇلۇبىنىڭ رەئىسى فاتىھ ئەتكە، پروفېسسور ئەلىبەي يول ياخشى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

فاتىھ ئەتكە ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بىز مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن قايسى مىللەتتىن بولسۇن قېرىنداشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم قىلىش، دەرد-ئەلەملىرىگە دەرمان بولۇش مۇسۇلمانلىق مەجبۇرىيىتىمىز بار دەپ ئېتىقاد قىلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز كافكازىيە، تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى جىمجىت قىرغىنچىلىقنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئاڭلىتىش ۋە بۇنىڭغا دىققەت تارتىش، بۇ قىرغىنچىلىقلارغا قارشى كىشىلەردە چۈشەنچە پەيدا قىلىش، رۇسىيەنىڭ ۋە خىتاينىڭ زۇلۇم ئاستىدا قالغان كىشىلەرنىڭ دەرد-ئەھۋالىنى ئاڭلىتىش مەقسەتىدە بۇ يىغىن ئۇيۇشتۇردۇق.

پروفېسسور ئەلىبەي يول ياخشى ئەپەندى سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان ۋە غەربىي تۈركىستان دەپ ئايرىماستىن بۈيۈك بىر تۈركىستان دەپ قاراش كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.