تۈركىيە ياخشى پارتىيەسى ئىستانبۇلدا نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلگەندە سۈكۈتنى تاللىغانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارىشى ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى.
2-دېكابىر كۈنى فاتىھ رايونىدىكى ساراچخانا باغچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشنى «يېڭىدىن ئايدىڭلاتما جەمئىيىتى» قاتارلىق كۆپ ساندا ئاممىۋى تەشكىلاتلار قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نامايىش خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلىغان ئىنسانلارنى جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىغا قارشى تۇرۇش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، نامايىشتا ياخشى پارتىيەنىڭ ئىستانبۇل شۆبە رەئىسى ساتۇق بۇغرا كاۋۇنجى ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلدى.
ساتۇق بۇغرا كاۋۇنجى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ياشايدىغان ئۇيغۇر تۈركلىرى قانداشلىرىمىز، خىتاينىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قەبىھ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن ئازاب چېكىۋاتىدۇ. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نەچچە مىليون ئۇيغۇرلارنى ‹يېپىق تەربىيەلەش› نامدىكى زۇلۇم لاگېرلىرىغا سوت ئېچىلماستىن تۇتۇپ قامىلىشى، كانادا، قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت ئېتىراز بىلدۈردى. 15 دۆلەت خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ بىر بىر مەكتۇپ ئەۋەتتى. مەكتۇپتا، تۈركلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە ئالاقىدار چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى. خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان مەھبۇسلار قاتتىق نازارەت ئاستىدا، ئۇلار پسىخولوگىيە جەھەتتىن قاتتىق بېسىمغا ئۇچرىماقتا. ئۇلار ئانا تىلىنى، دىنى ئېتىقادىنى، مەدەنىيەت-ئۆرۈپ-ئادەتلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇرلانماقتا. لاگېرلار سىرتىدا قالغان مۇسۇلمان تۈرك خەلقى بولسا قاتتىق نازارەت سىستېمىلىرى بىلەن كۆزىتىلمەكتە.»
ساتۇق بۇغرا كاۋۇنجى ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنىڭ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلغانلىق بىلەن ئەيىبلىدى ۋە ياخشى پارتىيەنىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «خىتايغا ئېتىراز بىلدۈرگەن ۋە خىتايدىن چۈشەنچە تەلەپ قىلغان دۆلەتلەر قاتارىدا تۈركىيە يوق. ئۇيغۇر تۈركلىرى ئېغىر شەرتلەر ئاستىدا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشقا ئۇچراۋاتىدۇ، بىراق ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلايدىغان قۇلاق يوق. ئۇلار پەرۋا قىلمايۋاتىدۇ، خۇددى زۇلۇم بولمىغاندەك كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى، قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالدى. بىز ياخشى پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن قانداشلىرىمىزنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇمنى ئاڭلىتىشتىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمىز ۋە بىز بۇ مەسىلىگە يۇمۇلغان كۆزلەر ۋە ئېتىلگەن قۇلاقلارنى ئېچىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بەزىلەرگە شەرقىي تۈركىستان ئۇزاقتەك بىلىنىدۇ، ھالبۇكى قانداشلىرىمىز ياشايدىغان ھەر يەر بىز ئۈچۈن يېقىن كۆرۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى خۇشاللىقىمىز، دەرد-ئەلەملىرى بىزنىڭ دەردلىرىمىزدۇر.»
ساتۇق بۇغراخان كاۋۇنجى ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ياخشى پارتىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن شۇنى سورايمىزكى، بۇنچىۋالا سۈكۈتتە تۇرۇشنىڭ سەۋەبى نېمە؟ خىتايغا بېرىلگەن بىرەر ۋەدە بارمۇ؟ ياكى قانداشلىرىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرىڭىز يوقمۇ؟ سۈرىيە ئۈچۈن ئاراقان ئۈچۈن كۆز ياشلىرىڭىز ئاققاندا ئازابلانغان ۋىجدانىڭىز نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى كۆرمەيدۇ؟ ئەمدى سۈكۈتتە تۇرۇۋەرمەڭلار. تۈرك دۆلىتىنىڭ بۈيۈكلۈكىگە خاس شەكىلدە پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى سىناپ باققايسىلەر.»
نامايىشتا يەنە «يېڭىدىن ئايدىڭلانما جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى خېلىل كونۇشقان ئەپەندى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى تەنقىد قىلدى ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىگە، زۇلۇمنى ئۆز تارىخىڭلارغا مىراس قىلىپ قويماڭلار، زۇلۇم قىلىشنى تەرك ئېتىڭلار، دەپ چاقىرىق قىلىمىز. بىز يەنە پۈتۈن دۇنيا جامائىتىنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى، ئىنسان بولغانلىقنىڭ شەرىپىگە ئىگە چىقىڭلار! دەپ چاقىرىق قىلىمىز.»
نامايىش جەريانىدا يەنە سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈتتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستانلىقلار تۈركىيەدىن ھەققانىيەت، ئادالەتلىك بىر سۆز كۈتۈۋاتىدۇ. بۈگۈن تەنقىد قىلىنىۋاتقان غەرب ئەللىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنى تەنقىد قىلىۋاتقان پەيتتە بىز سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن قايسى مىللەتنىڭ قايسى ئۈممەتنىڭ لىدىرى بولالايمىز. بۈگۈنكى كۈنلەردە تۈرك دۆلىتى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئامېرىكىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ مەسئۇلىيىتىدىن ھەرگىزمۇ قاچالمايدۇ ۋە قۇتۇلالمايدۇ. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ ئىززەت-ئابرۇي مەسىلىدۇر. پەلەستىن بىزنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىمىز دېگەنگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستان بىزنىڭ ئىككى قات ئىززەت-ئابرۇيىمىزدۇر. چۈنكى ئۇلار ھەم مۇسۇلمان ھەم تۈرك يەنى قانداش ۋە قېرىنداش. بۇ يەردىن ھۆرمەتلىك سىياسىيونلىرىمىزنىڭ بۇنى بىلىپ قويۇشنى تەكىتلەيمەن.»
بىز بۇ نامايىش توغرىسىدا پىكىر-قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ياشلاردىن ئابدۇسالام تەكلىماكان بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، بۇ نامايىشتا خىتاينىڭ لاگېرلاردىكى زۇلۇملارغا ئىنكاس بىلدۈرۈلگەنلىكىنى ۋە جازا لاگېرلىرىنى تاقاش توغرىسىدا چاقىرىق قىلىنىپ بايانات ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
0:00 / 0:00