تۈركىيە ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەلازىغ شۆبىسى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ قەلەم سۇندۇرۇش پائالىيىتىنى باشلاتقان بولۇپ، بۇ پائالىيەتنى تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كۆپلىگەن كىشىلەر قوللاپ-قۇۋۋەتلىمەكتە. بۇ پائالىيەتنى قوللىغۇچىلار ئالدى بىلەن ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان، يوقالسۇن قىزىل كوممۇنىست خىتاي دېگەنگە ئوخشاش شوئار توۋلاپ ئارقىدىن قەلەم سۇندۇرغان سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرىنى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىسى فېسبوكتا ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. بۇ توغرىدا ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دېگەن نامدا فېسبۇكتا بىر سەھىپە ئېچىلغان بولۇپ بۇ سەھىپىنى ھازىرغىچە ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن بولۇپ 5400 دىن ئارتۇق كىشى قوللاپ ئاۋاز قوشقان، يۈزلەرچە كىشى ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى، خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ شوئار توۋلاپ تۇرۇپ قەلەم سۇندۇرغان سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرىنى بۇ سەھىپىدە ئېلان قىلغان.
ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ نىغدە شەھىرىدىكى شۆبىسىنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى بۇ پائالىيەتكە ئاۋاز قوشقان بولۇپ ئۇلار توپلىشىپ ھەممىسى بىراقلا شوئار توۋلاپ، قەلەم سۇندۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلدى. ئۇلار سىنئالغۇدا «تۈرك بايرىقىدىن كۆك بايراققا سالام بولسۇن! قەھرى بولسۇن قىزىل كوممۇنىست فاشىست خىتايغا!، ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان!» دەپ شوئار توۋلىغان.
ئەلازىغ ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى فاتىھ مۇرات تاشقىن ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇ پائالىيىتىمىزنى قوللاشنى خالىغان قېرىنداشلارنىڭ، قولىغا بىر تال قەلەم ئېلىپ، ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان، يوقالسۇن كوممۇنىست قىزىل خىتاي، دەپ قەلەمنى سۇندۇرىدۇ، بۇنى ۋىدىئوغا ئېلىپ، بىزنىڭ ئىجىتىمائى ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىسى فېسبۇكتىكى سەھىپىمىزدە ئېلان قىلىدۇ، بۇنى قىلىش ئارقىلىق قانچە كۆپ كىشىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلىسەك، شۇنچە كۆپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتالايمىز دەپ قارايمەن. بىز باشقا مىللەتنىڭ مەسىلىلىرىگە شۇنچە دىققەت بىلەن كۆڭۈل بۆلۈۋاتىمىز، ئەمما ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەسىلىلىرىگە ئۇلاردىن تېخىمۇ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمىدە بىر ئايەتتە، ياخشىلىق قىلىشقا، ئادالەتلىك بولۇشقا ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلارغا ياردەم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ياردەم قىلىشنى ئۇرۇق - تۇغقانلاردىن باشلىشىمىز كېرەك. تەجرىبە ساۋاقلار ۋە شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار بېشىمىزدىن ئۆتكەن ۋەقەلەر بىزگە، مۇسۇلمان تۈركنىڭ مۇسۇلمان تۈركتىن باشقا دوستى يوقلۇقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ نۇقتىدا تۈرك دۇنياسىدا ئەڭ كۈچلۈك تۈرك دۆلىتى بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەلقىنىڭ بۇ پائالىيەتنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
ئەلازىغ ئۈلكۈ ئوجاقلىرى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى فاتىھ مۇرات تاشقىن ئەپەندى، بۇ پائالىيەتنى قوللاشنى خالىغان كىشىلەرنىڭ نېمە قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھەر كىم ئۆزىنىڭ بىر كۆرۈنۈشىنى ۋىدىئوغا ئالىدۇ، قولىغا قەلەم ئېلىپ، ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دەپ ۋارقىراپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن بېسىم سىياسىتىگە قارشى ئىپادىلەنگەن بىر شېئىر ياكى مەنىلىك سۆز قىلىدۇ ۋە قەلەمنى سۇندۇرىدۇ. قەلەمنى سۇندۇرۇش-خىتاينىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىسكەنجىلىرىنى توختات دېگەنلىكنىڭ سىمۋولى، يەنى زۇلۇمنى توختات دېيىش ئۈچۈن قەلەمنى سۇندۇرىدۇ. تۈركىيەدە ۋە ياۋروپانىڭ تۈركلەر كۆپ ياشىغان رايونلاردا بۇ پىلاننى كەڭ ئومۇمىيلاشتۇرالىساق، تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولمىغان باشقا چەتئەللىكلەرمۇ بۇ پائالىيەتنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.»
بىز بۇ پائالىيەت توغرىسىدا پىكىر - قاراشلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىي مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇر ئەپەندى بۇ پائالىيەتنىڭ، ئۇيغۇرلارنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى، تۈركىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا جامائەت پىكرى پەيدا قىلىش، ھۆكۈمەت ۋە سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈشتە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.