«شەرقىي تۈركىستانلىق مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا!» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان تۈركىيەدە ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر يۈرۈش پائالىيەتلىرىگە ئەگىشىپ تۈركىيەدىكى ئوخشىمىغان ئۇنىۋېرسىتېتلاردىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن، رەسىم كۆرگەزمىسى دېگەنگە ئوخشاش پائالىيەتلەر ئۇيۇشتۇرۇلماقتا.

يېقىندا ئىستانبۇلدىكى جەرراھ پاشا دوختۇرخانىسىنىڭ تېببىي فاكۇلتېتىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ يىغىننى مەزكۇر دوختۇرخانىنىڭ تېببىي فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىلىرى قۇرغان «ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت كۇلۇبى» ئۇيۇشتۇرغان.

يىغىندا جەرراھ پاشا تېببىي فاكۇلتېتى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتلەر كۇلۇبىنىڭ باشلىقى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى ۋە بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ، چىراي، ئىرق، رەڭ، تىل، مەدەنىيەت ۋە ئەقىدە-ئېتىقاد جەھەتتىن ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈن زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار قاتارىدىن بولغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ بارلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ئۇ مەزلۇملارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستانلىق مەزلۇم قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا!» دېگەن تېمىدا بۇ يىغىنىنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ باشلىقى ھىدايتۇللاھ ئوغۇزخان شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىي، جۇغراپىيىسى، تىلى، دىنى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرۈپ-ئادەتلىرى توغرىسىدا توختالغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر دۇچ كېلىۋاتقان ئومۇمىي قىيىنچىلىق مەسىلىلىرىنى بايان قىلدى.

ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ تۈرك ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئورتاق داۋاسى ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي تاڭغان «شىنجاڭ» يەنى «يېڭىدىن قوشۇۋېلىنغان چېگرا رايون» ئەمەس، بەلكى مۇستەقىل بىر دۆلەت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسى ئەمەس، بەلكى ئىشغالىيەت ئاستىدا قالغان بىر تۈرك زېمىنى ئىكەنلىكى، شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغان مەيدانىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەكلىكىنى ئىپادىلىدى.

جەرراھ پاشا دوختۇرخانىسى تېببىي فاكۇلتېتىغا قاراشلىق ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتلەر كۇلۇبىنىڭ رەئىسى مەمەت ئاكىف سۇدا ئەپەندى بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇشتىكى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: بىز دۇنيادىكى ئوخشىمىغان خەلقلەرنىڭ مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمىز، ئۆتكەن يىلى، مىسىر، سۈرىيە ۋە پاتانى توغرىسىدا يىغىن ئۇيۇشتۇرغان ئىدۇق، بۇ قېتىم شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى. بىز ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەزلۇم جۇغراپىيىلەردىن ئەڭ مۇھىمى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بۇ يىغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

مەمەت ئاكىف سۇدا ئەپەندى بۇ يىغىنغا قاتناشقاندىن كېيىن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا قانداق قاراشقا كەلدىڭىز دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: شەرقىي تۈركىستان بىز ئۈچۈن زۇلۇمغا ئۇچرىغان مەزلۇم جۇغراپىيىلەردىن بىرىدۇر. بىز شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا كۆپ نەرسە بىلمەيتتۇق چۈنكى شەرقىي تۈركىستان تۈركىيەدە ئۇنچىۋالا كۈنتەرتىپكە كەلگەن جۇغراپىيە ئەمەس، ئەمما بۈگۈن بۇ يەردە كۆپ نەرسىنى چۈشىنىپ يەتتۇق. مەتبۇئاتلار بولسۇن، ئاممىۋى تەشكىلاتلار بولسۇن شەرقىي تۈركىستاننى يېتەرلىك دەرىجىدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ بۇ توغرىدا كۆپرەك مەلۇماتىمىز يوقتى بۈگۈن بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ مەلۇماتقا ئىگە بولدۇق.

ئۆزىنىڭ بۇغازچى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كېلىپ بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن مۇھەممەد سەفا كۈرك ئىسىملىك ئوقۇغۇچى ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەققىدە ئۇلارنىڭ 100 يىلدىن بۇيان زۇلۇم تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. ئاسسىمىلياتسىيىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، دىنى ئېتىقادى بىلەن ياشاشنىڭ ئۆز تىلىدا سۆزلەشنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى، مىللىي مائارىپىنىڭ خىتايلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلىمىز. قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، دۇنيا مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ مەسىلىگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاڭلىتىلىشى كېرەكلىكىنى، بىر شەكىلدە خىتاي زۇلۇمىنى توختىتىش ئۈچۈن بىر ئىش كېرەكلىكىنى ئويلاۋاتىمەن. ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم قىلسۇن! قېرىنداشلىرىمىزغا يالغۇز ئەمەسلىكىنى، بىزنىڭ ھەر زامان ئۇلارنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىمىزنى بىلىشىنى سورايمەن.