تۈرك دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇنبىرىنىڭ نىزامنامىسى قوبۇل قىلىندى

0:00 / 0:00

12-ئاينىڭ 19-كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى ئىلجى مېھمانخانىسىدا تۈرك دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇنبىرىنىڭ نىزامنامىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن قوبۇل قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان فوندى» نىڭ باشچىلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنغا دېموكراتىيە ۋە مائارىپ ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مەسئۇلى، تۈركىيە-تۈركمەنىستان دوستلۇق جەمئىيىتى مەسئۇلى، تۈرك ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇدىرى، سۈرىيە تۈركمەن قۇرۇلتىيى مەسئۇلى، قىرىم تاتارلىرى تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋەكىلى ۋە ئەزەربەيجان كۈلتۈر جەمئىيىتى قاتارلىق 18 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى قاتناشتى.

مەزكۇر يىغىنغا يەنە بىر قىسىم تەتقىقاتچىلارمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى دوكتور قونۇرالپ ئەرجىلاسۇن، ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ۋە دوتسېنت كۈرشات زورلۇ، ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتارلىقلارمۇ بار.

«شەرقىي تۈركىستان فوندى»نىڭ رەئىسى، تۈرك دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇنبىرى باش كاتىپى ئەسەر تۈركىستانلى ساقا خانىم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، بۈگۈنكى يىغىننىڭ كۈنتەرتىپى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات بەردى. ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن سۆزلىدى.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆزىدە مەزكۇر تۈرك دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇنبىرىنىڭ خىزمەت مۇددىئالىرى ۋە بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلىرى ھەم رولى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، سۆزىدە مەزكۇر تەشكىلاتنى قۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسەتنىڭ تۈرك دۇنياسىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق بەرپا قىلىش، تۈرك دۇنياسىدىكى مەسىلىلەرنى تۈرك دۇنياسى جامائەتچىلىكىگە ۋە ھۆكۈمەتلىرىگە ئاڭلىتىش، دۇنيادىكى نامراتلىق، ئاچارچىلىق ۋە باشقا مەسىلىلەرگە قارشى كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن، مەزكۇر مۇنەرنىڭ تارىخىنى ئەسلىتىپ شەرقىي «تۈركىستان فوندى»نىڭ رەھبەرلىكىدە 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەنقەرەدە تۈرك دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار مۇنبىرى قۇرۇش، 7 كىشىدىن تەركىب تاپقان باشقۇرۇش ھەيئىتى قۇرۇش توغرىسىدىكى قارارنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى، بىر يېرىم يىلدىن بېرى مەزكۇر باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ بەزى خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە نىزامنامىنىڭ يېزىپ چىقىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ئالىپ تېكىن ئەپەندى مەزكۇر مۇنبەر ئىشقا كىرىشكەندىن بۇيان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ قىزىقىۋاتقانلىقى، بۇنىڭدىن باشقا ھەر قايسى تۈركىي خەلقلەر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى، مەدەنىيەت جەمئىيەتلىرى ۋە باشقىلارنىڭمۇ قىزىقىش ۋە قوللاش ئىپادىسىنى بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، 2016-يىلى ئىچىدە چوڭ ئاممىۋى يىغىن چاقىرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە مەزكۇر تەشكىلات رەسمىي تۈردە تۈركىيە ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ تىزىملىتىش ئورنى تەرىپىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇلۇش ۋە تۈرك دۇنياسى ھەم خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ئالاقە ۋە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى مەقسەت قىلغان لوبىيچىلىك پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

بۇ قېتىمقى يىغىندا ئوتتۇرىغا چۈشكەن ۋە مۇھاكىمە قىلىنغان تۈرلۈك مەسىلىلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ ئانالىز يۈرگۈزگەن ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسورى ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى، لوبىيچىلىكتىن ئىبارەت دىپلوماتىيىلىك ئالاقىلەر پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىش پەقەت تۈركىي خەلقلەر ۋە دۆلەتلەر ئارىسىدىلا ئېلىپ بېرىلماستىن، بەلكى تۈرك دۇنياسى بىلەن غەرب دۇنياسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت بىلەنمۇ ئاكتىپ ئېلىپ بېرىلىشى، تۈركىي خەلقلەر ئىچىدىن غەرب سىياسەتلىرى، تۈزۈلمىلىرى ۋە دىپلوماتىيەسىنى ياخشى چۈشىنىدىغان ئەربابلارنى بۇ پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرۇش كېرەكلىكىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ تۈركىي دۇنياسىدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا جەمئىيەتتىمۇ توغرا چۈشىنىش ۋە قوللاشلارغا ئېرىشتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى جەمئىيەتلەردىن « شەرقىي تۈركىستان فوندى»نىڭ رەھبەرلىكىدە بىر لوبىچىلىك تەشكىلاتى قۇرۇش پىكرى ئىككى يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەنقەرەدە ئېچىلغان يىغىندا تۈرك دۇنياسى ئاممىۋى جەمئىيەتلەر مۇنبىرى نامىدىكى مەزكۇر مۇنبەر دەسلەپكى قەدەمدە ئىش باشلىغان، بۇ قېتىمقىسى مەزكۇر مۇنبەرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنى بولۇپ، ئۇنىڭ دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.