تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئارقا-ئارقىدىن 3 پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيەدە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدىكىلەرمۇ قىزىقىدىغان بىر تېمىغا ئايلاندى.
25-دېكابىر كۈنى تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا رايونىغا جايلاشقان قەيسەرى شەھىرىدىكى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپى ئوقۇغۇچىلىرى «ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى. يىغىندا قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى دوكلات بەرگەندىن سىرت رەسسام نۇرىيە خانىم ئۇيغۇر دىيارى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئاچتى. ئەتىسى كۈنى، يەنى 26-دېكابىر كۈنى بولسا قەيسەرى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ياتاق بىناسىنىڭ زالىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنى چاقىردى. ئىككىلا دوكلات بېرىش يىغىنىغا ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، قەيسەرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ دوكلات بېرىش يىغىنى 2015-يىلى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر قاتار دوكلات بېرىش يىغىنلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئىگىلىشىمىزچە مەزكۇر ئىلمىي دوكلات بېرىش يىغىنىنى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىسادىي باشقۇرۇش ئىلىملىرى فاكۇلتېتى، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىغىندا نوختىلىق ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى رەسىم ۋە ھۆججەتلىك فىلىملار بىلەن كۆرسىتىلىشتىن سىرت، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئورنى توغرىسىدا مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان.
يىغىندا ئىلمىي دوكلات بەرگەن «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ھۆججەتلەر بىلەن ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى كۈچەيگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە مەخسۇس ئىلمىي دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرى كۈچەيگەن. تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىقىش ئەھۋالى ھەققىدە كۆزىتىش ئېلىپ بارغان تۈركىيە قەھرەمان ماراش سۈتچۈ ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغرا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
ئۇ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرىگە ئايلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
قەيسەرى ئەرجىيەس ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن قىز ئوقۇغۇچىلار ياتاقخانىسىنىڭ زالىدا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بەرگەن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئىلمىي دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىڭ ئۇيغۇرلارنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى تۈركىيەدىكى ياش ئەۋلادلارغا، بولۇپمۇ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مۇنداق پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل بىر قىسىم تۈركىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇلغاندىن سىرت، تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى نۇمان قۇرتۇلمۇش ئەپەندى، تۈركىيە باش مىنىستىرلىق ئىدارىسى تارمىقىدىكى تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى ۋە تۈركىيە ئىستىراتېگىيەلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتىغا ئوخشاش ئىدارى-جەمىيەتلەرمۇ ئۇيغۇر ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلارنى چاقىرىپ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.