تۇرپاندىكى ئوت كەتكەن سودا ساراينىڭ دەۋا‏سى ھازىرغا قەدەر ھەل قىلىنمىغان

0:00 / 0:00

2012‏-يىل 10-ئايدا تۇرپان شەھەر مەركىزىدىكى «يېڭى تەرەققىيات سودا بازىرى» غا ئوت كېتىپ، نۇرغۇن دۇكان ۋە مال-مۈلۈك كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان ئىدى. مەزكۇر بازارنىڭ خوجايىنى بىر خىتاي بولسىمۇ، بىراق ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىجارە ئېلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان دۇكاندارلارنىڭ ئاز دېگەندە 70% نى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيتتى.

قالغان قىسمىنى خىتاي ۋە تۇڭگانلار تەشكىل قىلاتتى. ئوت كېتىپ ئارىدىن 6 ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر ئۆت ئاپىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، ئوت كېتىش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ باقمىغان. بۇ خەلق ئىچىدە ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ھەققىدىكى ھەر خىل گۇمانلارنى قوزغىغان.

ئەڭ مۇھىمى، يەرلىك ھۆكۈمەت دۇكاننى رېمونت قىلىش، زىيانغا ئۇچرىغان دۇكاندارلارغا يار-يۆلەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ تىجارىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋېلىشىغا ياردەم قىلىش قاتارلىق ئىشلاردا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئەمەلىي تەدبىر قوللانمىغان. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «يېڭى تەرەققىيات سودا بازىرى» نىڭ خوجايىنى مەزكۇر بىناغا بىخەتەرلىك سۇغۇرتىسى سېتىۋالمىغان. بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئەگەر بىخەتەرلىك سۇغۇرتىسى يوق بىر بىنانىڭ سودا مەشغۇلاتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يول قويۇلغان بولسا، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ زور خاتالىقى ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىدىكى مەسئۇلىيەت ھۆكۈمەتكە ئارتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بەزى دۇكان ئىگىلىرى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئېزىلەڭگۈلۈكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۈرۈمچىگە دەۋا-دەستۇرغا بارغان بولسىمۇ، بىراق يەرلىك ھۆكۈمەت ساقچىلارنى ئەۋەتىپ دەۋاگەرلەرنى قايتۇرۇپ كەلگەن. ئۇلارغا داۋا قىلىشنى توختاتمىسا، ئاقىۋىتىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تەھدىت سالغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەركىن، تۇرپان «يېڭى تەرەققىيات سودا بازىرى» دا دۇكان ئاچقان بىر خانىم بىلەن مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى.