ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى يېڭى دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىم سىياسىتىنى قانۇنلاشتۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى بۈگۈن مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلات، خىتاينىڭ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ باشلىنىشقا ئاز قالغان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق بېسىم سىياسىتىنى ئاياغلاشتۇرۇش ۋە بۇ نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا ماقۇللىنىش ئالدىدا تۇرغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسىنى بىكار قىلىشقا چاقىرىلغان. تۆۋەندە سىلەر بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتنى مۇخبىرىمىز ئىرادەدىن ئاڭلايسىلەر.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى 3-مارت كۈنى «بېسىمنى قانۇنلاشتۇرۇش-شى جىنپىڭ ھاكىمىيىتىدىكى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسەتلىرى» ماۋزۇسىدا بىر دوكلات ئېلان قىلدى. دوكلات، 2013-2014-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقەلەر ۋە شۇ ۋەقەلەردە كېلىپ چىققان ئادەم چىقىملىرىغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلار يەكۈنلىنىش ئارقىلىق ۋەزىيەتكە باھا بېرىلگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن ئىككى يىل مابەينىدە پەقەتلا مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ياكى ئاشكارا بولغان ۋەقەلەردىلا ئۆلگەن كىشى سانى 715 كە يېتىپ بارىدىكەن. كەپ چىققان ۋەقە سانى 125 بولۇپ، بۇنىڭ 89 ئى قانلىق ئاياغلاشقان. ۋەقەلەردە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بولسا خىتايلاردىن 3 ھەسسە كۆپ. قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەدىلا ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 327 نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدىكى 199 نەپىرى يەكەندىكى ئېلىشقۇ ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەردۇر. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ كۆرسىتىشىچە يەنە، ئۆلگەنلەر ئاساسەن خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن « تېررورچىلار ياكى ھۇجۇمچىلار» دەپ نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەن كىشىلەر بولۇپ، يۇقىرىدىكى سانلىق رەقەملەر ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ھەرقانداق بىر يىلدىكىدىنمۇ بەك ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى رەئىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى باشلىقى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۈگۈن بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى پەۋقۇلئاددە ئېغىر ۋەزىيەتنى بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىكى سەۋەب، دەپ كۆرسەتتى.

دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلىنىڭ بىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتى خەلقئارالىق تېررور ھەرىكىتىگە چېتىپ تۇرۇپ، ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇرۇنۇش مەسىلىسىدۇر. ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ۋەقەلەرنى جىم-جىت باستۇرۇۋېتىشمۇ ئەمما بىر قىسىم ۋەقەلەرنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان شەكىلدە ئۆزگەرتىپ ياساپ ئاندىن ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورچى، ئەسەبىيلىكىدىن ئىبارەت سەپسەتىسىنى خەلقئارادا بازار تاپقۇزۇش ئۈچۈن قوللانماقتا. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى بۇ دوكلاتتا ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلاردا مانا بۇ سەپسەتىنى ئۆرۈپ تاشلاش ئۈچۈن پايدىلىق ئۇچۇرلار بارلىقىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتىغا قارشى ئۇرۇشنى ئۇيغۇرلارنى ئەدەپلەيدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا خىتاينىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھىسى»نى ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر لايىھىدىكى ماددىلار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئۇلار بۇ قانۇن لايىھىسى ماقۇللانغان تەقدىردە ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا يۈرگۈزۈۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. مەزكۇر لايىھەنىڭ 5-مارت كۈنىدىن 13-مارت كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللىنىدىغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسى دوكلاتىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش ھارپىسىدا ئېلان قىلىش ئارقىلىق بۇ قانۇن لايىھىسىگە دىققەت تارتىشنى مەقسەت قىلغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىنى ئۇيغۇرلار بىلەن ھەقىقىي سۆھبەتكە ئولتۇرماي تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالماي تۇرۇپ، قاتتىق قوللۇق بىلەن ھەل قىلالمايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتى. ئالىم سېيىتوف ئەپەندىمۇ سۆزىدە بۇنى نەقىل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بېسىم سىياسىتىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە ۋە باستۇرۇش ئارقىلىق يوق قىلىش خام خىيالىدىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى. شۇنداقلا خەلقئارانى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى خەلقئارالىق تېررور ھەرىكەتلىرىدىن پەرقلەندۈرۈش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.