د ئۇ ق نىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن «شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل خەلقلىرى بىرلىكى تەشكىلاتى» دىن ئىبارەت ئەينى زاماندا غەربتە «ئۈچ ئىتتىپاق» نامى بىلەن تونۇلغان بۇ تەشكىلاتنىڭ، ئۇيغۇر دەۋاسىنى ب د ت ۋە ياۋروپا بىرلىكىگە ئەكىرىشكە پايدىسى بولغانلىقى، ئەمما 1990-يىللارغا كەلگەندە يوقىلىشقا يۈز تۇتقانلىقى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلدى.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1990-يىلى گېرمانىيەدە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى قۇرۇلغۇچە ۋە بەلكى 1991-يىلى گوللاندىيەدە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى دۇنياغا كەلگۈچە بولغان بۇ 6 يىلدا، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى «ئۈچ ئىتتىپاق» نامىدا غەرب ئەللىرىگە نىسبەتەن كەڭ تونۇتۇش مەقسىتى ئەمەلگە ئاشقان.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مىللىي مۇجادىلىسى ئىستىخىيىلىك ھالەتتىن تەشكىللىك دەۋا ھالىغا كېلىپ، غەرب ئەللىرىدە پائالىيەتلىرىنى پىلان-پروگراممىلىق رەۋىشتە قانات يايدۇرۇشقا باشلىغان. د ئۇ ق ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنىۋەرجان بۇ توغرىلىق زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ سىياسىي مۇجادىلىدىن سىرت، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ گېرمانىيەگە كېلىپ جايلىشىشىغىمۇ سەۋەب بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىشىچە، تىبەتلىكلەر ئۇيغۇرلاردىن ئايرىلىپ چىقىش خىيالىدا ئىزدىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە، يەنى 1990-يىلى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىشتىن ئىلگىرى، لوندوندا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت يېڭى بىر پىلان ئوتتۇرىغا قويۇلغان. لېتۋا، لاتۋىيە، ئىستونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مىللەت ۋەكىللىرىمۇ بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ كۈچ چىقارغان. ئەركىن ئەپەندى بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچى تۆت ئەزاسىنىڭ بىرى سۈپىتىدە يېتەكچىلىك رولىنى ئوينىغان. 1991-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى گوللاندىيەنىڭ گاگا شەھىرىدە ئۇ ن پ ئو رەسمىي قۇرۇلغان. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىدا 1991-يىلىدىن 1993-يىلىغىچە ئىككى يىل رەئىس ئورۇنباسارى، 1994-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە 4 يىل رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. بۇ مۇددەت ئۇيغۇر دەۋاسىنى غەرب ئەللىرىگە يەنىمۇ كەڭ تونۇتۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىگەن. ئۇ ن پ ئو نىڭ قۇرۇلۇشى «شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل خەلقلىرى بىرلىكى تەشكىلاتى»دىن ئىبارەت «ئۈچ ئىتتىپاق»نىڭ مەۋجۇتلۇقىغا خاتىمە بەرگەن.
ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقى 1960-يىللىرىلا باشلانغان. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى 1960-يىلى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ مەركىزى جايلاشقان دارىمسالادا دالاي لاما بىلەن ئۇچرىشىپ، خىتايغا قارشى ئۆز -ئارا ھەمكارلىشىپ كۈرەش قىلىش توغرىلىق پىكىر بىرلىكى شەكىللەندۈرگەن. ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئۆزى دالاي لاما بىلەن 1973-يىلى تۇنجى قېتىم ميۇنخېندا كۆرۈشكەن ھەمدە دالاي لامانىڭ تەشەببۇسى بىلەن تىبەتلىكلەرنىڭ ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى شۆبە ئورگانلىرى بىلەن تونۇشقان. ئۇ زامانلاردا غەرب ئەللىرىدە ئۇيغۇرلار يوق دېيەرلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېچقانداق ماددىي ئىمكانلار بولمىغاچ، ئەركىن ئەپەندى دەسلەپكى مەزگىللىرى ئۇيغۇر دەۋاسىنى تىبەتلىكلەرنىڭ كۈچىگە تايىنىپ تۇرۇپ ئالغا سىلجىتىشقا تېرىشقان.