د ئۇ ق جىددىي يىغىن چاقىرىپ ئۇچتۇرپان ۋەقەسى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ باردى

0:00 / 0:00

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە ئاقسۇ ئۇچتۇرپاندا قانلىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ 11 ئادەم ئۆلگەن ۋە ناھىيىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىنغان ئىدى. ۋەقەدىن كېيىنلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جىددىي تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ بۇ ۋەقەنىڭ ئالدى كەينىدىكى ۋەزىيەت ۋە بۇ ھەقتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا جىددىي مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان تېلېفون يىغىنىغا، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، مۇئاۋىن رەئىسلەردىن سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، ئۈمىد ئاگايى ئەپەندى، ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى، ئەسقەر جان ئەپەندى، د ئۇ ق باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى، د ئۇ ق تەشۋىقات ئىشلىرى كومىتېتى مۇدىرى فەرھات مەمەت ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنۋەر جان ئەپەندىلەر قاتناشتى.

16-فېۋرال كۈنى ئاخشام چاقىرىلغان بۇ يىغىندا ئالدى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر ئېچىلىش نۇقتىدا ئۇچتۇرپاندا يۈز بەرگەن قانلىق توقۇنۇشتىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ جىددىيلەشكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلاردا پىكىر بايان قىلدى:
بىز ھازىرغىچە بۇنداق قانلىق توقۇنۇشلار مەيدانغا كەلگەندە بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينى ئەيىبلىدۇق. بۇ ھەقتە مەلۇمات توپلاپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا يەتكۈزۈپ تۇردۇق. ھەتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىشلار ئۆتكۈزدۇق. ئەمما بۇلار يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا مېنىڭ تەكلىپىم، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 2-نۆۋەتلىك ئالىي كېڭەش يىغىنىنى چاقىرىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ يول خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىشىمىز كېرەك. يەنى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلىمىز؟ بىز نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا قانداق يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كېلەلەيمىز دېگەندەك مەسىلىلەر توغرىسىدا ئەتراپلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، بىر يول خەرىتىسى سىزىپ چىقىشىمىز كېرەك.

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇچتۇرپاندىكى قانلىق توقۇنۇشتىن كېيىن نېمىلەرنى قىلالايمىز؟ دېگەن مەسىلە توغرىسىدا توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى:

بىرىنچى،ھەرقايسى تەشكىلاتلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ۋە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ مەلۇمات بېرىشى كېرەك.

ئىككىنچى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك. مەسىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى كانادا پارلامېنتىدا گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى چاقىرماقچى.يۇقىرىدىكى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئويلىشىپ قويساڭلار، كېيىن مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ مۇزاكىرە قىلساق.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 16-فېۋرال كۈنى چاقىرىلغان 2 سائەت داۋاملاشقان جىددىي تېلېفون يىغىنىغا قاتناشقان رەھبەرلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى نەتىجىسىدە، تۆۋەندىكى قارار ماقۇللاندى.

بىرىنچى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر كومىتېت قۇرۇپ چىقىپ، مالىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر كىشىنى سايلاپ چىقىش.

ئىككىنچى، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلار ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرىگە، پارلامېنتلىرىغا شەرقىي تۈركىستاندا شۇنداقلا ئۇچتۇرپاندا بولغان ۋەقەنى ئاڭلىتىپ ئۇلارنىڭ خىتايغا ئىنكاس قايتۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

ئۈچىنچى، شەرقىي تۈركىستاندا بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرگۈزىۋاتقان خىتاي رەھبەرلىرىنى خەلقئارا سوتقا بېرىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنى سوتقا بېرىش.

تۆتىنچى، 2014-يىلىدا ئۆتكۈزىدىغان پائالىيەتلىرىمىزنى ۋاقتىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش.