UNPO، يەنى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان د ئۇ ق ۋەكىللىرى يىغىننىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەيرلىك بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
14-15-سېنتەبىر كۈنلىرى فىرانسىيەنىڭ ساۋوي شەھىرىدە چاقىرىلغان UNPO نىڭ پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيىدا تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك ئاپپاراتى يېڭىدىن تەرتىپكە سېلىندى. UNPO نىڭ رەئىسى ناسسېر بولاداي ۋە مۇئاۋىن رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەرنىڭ ۋەزىپىسىدە ئۆزگىرىش بولمىدى. تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى مارىنو باسدۇخېن ئەپەندىنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان رالىف بۇنچې ئەپەندى سايلاندى. يېڭىدىن يەنە 4 مىللەتنىڭ ئەزالىق ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنىپ، UNPO غا ئەزا مىللەتلەرنىڭ سانى جەمئىي 48 گە يەتتى.
ئىگىلىشىمىزچە، UNPO 1990-يىلى گوللاندىيەنىڭ گائاگا شەھىرىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالپتېكىن باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا كىشىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ تەشكىلات ھازىر ب د ت دا، ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئۆزلىرىگە ئەزا بولغان 48 مىللەتنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئىكەن.
48 مىللەتنىڭ 84 نەپەر ۋەكىلى قاتناشقان بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدا 3 كىشىلىك بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتى. UNPO نىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خەيرلىك بولغانلىقىنى، يېڭى باش كاتىپ رالىف ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
UNPO نىڭ يېڭىدىن سايلانغان باش كاتىپى رالىف ئەپەندى نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «UNPO نىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىپ بېرىش پىلانى بار؟» دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى: «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بارغانسېرى كۈچلۈك دىققىتىنى جەلپ قىلىۋاتىدۇ. ئامېرىكىدا، ب د ت دا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى جىددىي تېما سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ. UNPO مۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتقان خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ بىرى. بىز ئۇيغۇرلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلىپ بېرەلىشىمىز ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا بىزنى تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىشىگە ئېھتىياجىمىز بار. د ئۇ ق بىزنى كۆپلىگەن پاكىتلار بىلەن تەمىنلىدى. بىز بۇنى كېرەكلىك جايلارغا يەتكۈزدۇق ۋە جاۋاب كۈتۈۋاتىمىز. ئەمما بىزگە تېخىمۇ كۆپ پاكىتلار كېرەك. چۈنكى جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 1 مىليون بىلەن 3 مىليون ئارىلىقىدا دەپ تىلغا ئېلىنىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇنى ئىنكار قىلىۋاتىدۇ. پەقەت پاكىتلا خىتاينىڭ جىنايىتى ۋە زۇلۇملىرىنى توسۇپ قالالايدۇ.»
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا قاتناشقان د ئۇ ق فوندىنىڭ مۇدىرى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندىمۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپتە تۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
UNPO نىڭ رەئىسى ناسسېر بولاداي ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا: «بىز ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى UNPO نىڭ ئەڭ جىددىي خىزمەت كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزدۇق،» دېدى. ئۇ مۇنۇلارنى تىلغا ئالدى: «ئۇيغۇرلار ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا قالدى. ئۇيغۇرلارغا قوشنا بولغان ئەللەرمۇ خىتاينىڭ تەھدىتىگە يولۇقۇۋاتىدۇ. يالغۇز قازاقلار، قىرغىزلارلا ئەمەس، پاكىستان ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى بالۇچىلار ۋە سىندىلار قاتارلىق كۆپلىگەن خەلقلەرمۇ خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار خەلقئارادىكى خىتاي تەھدىتى ھەم زۇلۇمىغا دۇچار بولۇۋاتقان بۇ مىللەتلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازىدىن پايدىلىنىشى لازىم، دەپ ئويلايمەن. بىز ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى جىددىي خىزمەت كۈنتەرتىپىدە تۇتۇۋاتىمىز. ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە پائال ھەرىكەتلەر قىلىۋاتىمىز. بۇ زۇلۇملارغا خاتىمە بېرىلىدىغان كۈن چوقۇم يېتىپ كېلىدۇ.»
UNPO نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى فېرناندو بۇرگېس ئەپەندىمۇ UNPO نىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە جىددىي كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنۇلارنى بايان قىلدى: «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسى ھازىر غەرب مەتبۇئاتلىرىدىلا ئەمەس، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىڭ ھۆكۈمەتلىرىدىمۇ جىددىي دىققەت قوزغاۋاتىدۇ. ياۋروپا پارلامېنتىمۇ جازا لاگېرلىرىغا قارشى چارە-تەدبىر ئىزدەۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھەم ب د ت مۇ بۇ مەسىلىنى كۈنتەرتىپتە تۇتۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە، UNPO مۇ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە ئەڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ. بىز ئۆز-ئارا ھەمكارلىقىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى ۋە بۇ كۈرەشتىن قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئورتاق بىر نەتىجە يارىتايلى.»
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 39-نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ 17-سېنتەبىردىكى كۈنتەرتىپىدە د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاينىڭ پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېن ئەپەندىلەرگە سۆز ھەققى بېرىلگەن بولۇپ، UNPO نىڭ پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيىدىن قايتقان د ئۇ ق رەھبەرلىرى بۈگۈن شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە جەم بولۇپ، ب د ت دىكى بىر ھەپتىلىك پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى. بۇ ھەقتە كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا تەپسىلىي مەلۇمات بېرىمىز.
0:00 / 0:00