«مىراج» شىركىتى ئىگىلىرىنىڭ بەزى ئائىلە ئەزالىرىغا قاماق جازاسى بېرىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.01.23
urumchi-miraj-restoran.jpg ئۈرۈمچىدىكى «مىراج» ئۇيغۇر رېستورانى سازەندىلەر سەھنىسىنىڭ قويۇق مىللىي پۇراق بېزەكلىرى.
Social Media

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى «مىراج» شىركىتىنىڭ شېرىكلىرىدىن ئابدۇرېشىت ھاجى بىلەن ۋەلى ھاجى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى ھەم بىر قىسىم ئۇرۇق-تۇغقان، قۇدا-باجىلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، تۈرمە ۋە يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

نۆۋەتتە دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر شىركەتنىڭ ئىگىلىرىنىڭ بىر قىسىم ئائىلە ئەزالىرىنى، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە قۇدا-باجىلىرىنى مەخپىي سوتلاپ، قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلغان ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدا «مىراج» شىركىتىنىڭ شېرىكى ئابدۇرېشىت ھاجىمنىڭ ئوغلى رىزائىدىن، سىڭلىسى مۇيەسسەر، ئىنىسى ئەمەتجان، قۇدىسى (يەنى رىزائىدىن بىلەن ئەمەتجاننىڭ قېيىنىئاتىسى) ئاتۇشنىڭ تىجەن يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق دىنىي زات دادىخان ھاجىم شۇنداقلا ئابدۇرېشىت ھاجىمنىڭ يەنە بىر قۇدىسى، ئاتاقلىق ئۆي مۈلۈك سودىگىرى ئىمىنجان ھاجىم قاتارلىقلار بار ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى «مىراج» شىركىتىنىڭ ئىگىلىرىدىن ئابدۇرېشىت ھاجىم بىلەن ۋەلى ھاجىمنى تۇتقۇن قىلىپ، مەزكۇر شىركەتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى «مىراج» ناملىق ئىككى رېستورانىنى پېچەتلىگەن. مەزكۇر شىركەتنىڭ بەزى شېرىكلىرىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر رېستورانىنى تاقاشتا مەزكۇر رېستوراننىڭ قويۇق ئۇيغۇر مىللىي ئۇسلۇبتىكى بېزەك ۋە نەقىشلىرىنىڭ «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «ئاشقۇنلۇق» ئىدىيەلىرىنى ئويغىتىش ۋە تەرغىب قىلىش رولى بار دېگەننى باھانە قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

«مىراج» شىركىتىنىڭ ئىگىلىرىدىن بىرىنىڭ چەتئەلدە تۇرۇشلۇق بىر تۇغقىنى سەيشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئابدۇرېشىت ھوشۇر ھاجىمنىڭ مىسىردا ئوقۇپ كەلگەن ئوغلى رىزائىدىن بىلەن ئىنىسى ئەمەتجاننىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكى، ئۇنىڭ قۇدىلىرىدىن ئاتۇش تىجەنلىك دىنىي زات دادىخان ھاجىم بىلەن كارخانىچى ئىمىنجان ھاجىملارنىڭ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ خانىم مۇنداق دېدى: «ئەمەتجاننى 15 يىل، رىزائىدىن ھاجىمنى 15 يىل كېسىپتۇ. رىزائىدىن ھاجىم ئابدۇرېشىتكامنىڭ ئوغلى ئىدى. ئەمەتجان بىلەن ئىككىسى تىجارەت قىلاتتى. سودا دۇكىنى ئاچقان. ئىمپورت-ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى دەپ مۇشۇ دۇبەي ۋە تۈركىيەنىڭ ھالال مەھسۇلاتلىرىنى سالغان، 5 يىلدەك بولغان. ھالال دېگەنلەرنىمۇ تۇتۇۋاتىدۇ ئەمەسمۇ، ئۇنى-بۇنى باھانە قىلغان بولسا كېرەك، دەپ ئويلايمىز. ئەمەتجاننىڭ 4 بالىسى بار ئىدى. ھەممىسى ئۈرۈمچىدە ئولتۇراتتى. رىزائىدىن ھاجىمنىڭ 2 بالىسى بار ئىدى.»

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، دادىخان ھاجىم بۇرۇن ئاتۇشنىڭ تىجەن يېزىسىدىكى كىچىك بىر مەسچىتنىڭ ئىمامى بولۇپ، ئۇنىڭ ئايالىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان.

ئۇ مۇنداق دېدى: «تىجەن دەيمىز، تىجەندىكى دادىخان ھاجىم دەپمۇ ئاتايدۇ، ناھايىتى ياۋاش بىر ئادەم ئىدى. ئۇ ئادەمنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا ئۆزى سالغان بىر مەسچىتى بولىدىغان، دادىسىدىن قالغان. دادىسىدىن كېيىن مەسچىتتە جامائەتكە ئىماملىق قىلىپ بەرگەن. ئاشۇ ئادەمنى 20 يىل كېسىپتۇ، 62-63 لەرگە كىرگەن ئادەمنى. ئۇ ئادەم ئەمەتجاننىڭ قېينىئاتىسى بولىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ قىزىنى ئەمەتجانغا ئېلىپ بەرگەن. ئۇنىڭ يەنە بىر قىزىنى ھازىر 15 يىل كېسىلگەن رىزائىدىن ھاجىمغا ئېلىپ بەرگەن. بەكمۇ ياخشى ئادەم ئىدى. ھەقىقىي بىر مۆمىن ئىدى. ئىنسانغا داۋاملىق ئاز-تولا پايدىسى يېتىپ كەلگەن شۇنداق ئائىلە، شۇنداق ئادەم ئىدى. تىجەندىكى قايسى دادۈيدە بىلمىدىم، لېكىن ئايالى نۇربىيە خانىم ئوقۇتقۇچى ئىدى، ئۇمۇ تۈرمىدە ئىكەن. ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئىدى نۇربىيە خانىم. ئۇ ئادەمنىڭ 3 قىزىنى ئالغان، بۇلار ياخشى قىزلار ئىدى، بىر ئائىلىدىن 3 قىزنى 3 ئوغلىغا ئېلىپ بەرگەن.»

بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابدۇرېشىت ھاجىمنىڭ 20 يىللىق قاماج جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان يەنە بىر قۇدىسى ئىمىنجاننىڭ 17 مىليارد يۈەنلىك مال مۈلكى مۇسادىرە قىلىنغان. ئىمىنجانھاجىم ئۆتكەن يىلى ئادىلجان ئىسىملىك ئوغلى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 2‏-دوختۇرخانىدا ئىشلىگەن شەمشىدىن ئىسىملىك ئىنىسى بىلەن تەڭ تۇتقۇن قىلىنغان. يۇقىرىقى خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىمىنجان ھاجىم سوتلانغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىنىسى ھەم ئوغلىنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئابدۇرېشىتكامنىڭ» قۇدىسى بارغۇ ئىمىنجان دېگەن، ئىمىنجاننى 20 يىللىق كېسىپتۇ، 17 مىليارد يۈەن مەبلىغى بار ئىكەن، ھەممىنى مۇسادىرە قىپتۇ. بۇلار كارخانىچى ئىدى. ھە-ئە، پۈتۈن مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىپتۇ. ئۇ ئادەمنىڭ بىر تال قىزى بار ئىدى، قىزىنىمۇ، ئوغلىنىمۇ تۇتقۇن قىپتۇ. قىزىنى قويۇپ بەرگەن ئوخشايدۇ. ئوغلى ئادىلجاننى مۇقەددىسىنىڭ يولدىشى، ئۇنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئاڭلىمىدىم. لېكىن ئىمىنجاننىڭ بىر ئايدەك بولۇپ قالدى، 17 مىليارد يۈەن مۈلكىنى مۇسادىرە قىپتۇ، بەك قىينىغان ئوخشايدۇ، خەۋەرمۇ كېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ‹مېنى بولدى، ئېتىۋېتىڭلار، ئۆلتۈرۈۋەتسەڭلارمۇ مەيلى، مەن رازى، ھەممە نەرسەمنى بولدى سىلەرگە بېرىۋېتەي، دەپ مۇشۇنداق دەپتۇ› دەپ خەۋەر كەلدى. نېمىگە تۇتىدۇ دېسىڭىز، باج تاپشۇرمىغان، پارا بەرگەن دېگەن جىنايەتلەر بىلەن مۇسادىرە قىلىمىز، دېگەندىن كېيىن ‹مۇسادىرە قىلىڭلار، لېكىن مېنى ئېتىۋەت› دەپتۇمىش. ئۇنىڭ ئۆي-مۈلۈك شىركىتى بار ئىدى. بىنا سېلىپ، بىنا سېتىپ، قەشقەر، خوتەن، ئۈرۈمچى، ئاتۇش، كورلا، مۇشۇنداق يەرلەردە يەر ئېلىپ، بىنا سېلىپ ساتقان. ئۆزى ئۈرۈمچى بىلەن ئاتۇشتا كېلىپ-كېتىپ تۇراتتى. ئوغلى ئادىلجان دىرېكتورلۇق قىلاتتى. ھازىر ئىمىنجاننىڭ ئائىلىسىدىن ئىمىنجان، سىڭلىسى نۇرگۈل، ئىنىسى شەمشىدىن ھاجىم، ئوغلى ئادىلجان تۆتى تۈرمىدە.»

بىز ئۈرۈمچىدىكى يەرلىك ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر خەۋەرنى دەلىللەشكە ۋە تۇتقۇنلارنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن ھېچكىم تېلېفونىمىزنى ئالمىدى. ئەمما بۇ ئۇچۇرنى ئابدۇرېشىت ھاجىمنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق ئىنىسى ئەركىن ھاجىم دەلىللىدى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم پۈتۈن بىر جەمەتنى نىشانغا ئالغان. ئۇ خىتاينىڭ پۈتۈن بىر جەمەتنى نىشانغا ئېلىشىدىكى سەۋەب بۇ ئائىلىنىڭ كۈچلۈك دىنىي ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ھاجى مۇنداق دېدى: «بۇلار ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىكى ئىنسانغا زەرەر بېرىشنى پەقەت ئويلاپ باقمايدىغان ئالىي جاناب، ئەخلاقلىق قېرىنداشلىرىمىز ۋە تۇغقانلىرىمىز ئىدى. ئۇلار خىتاينىڭ سىياسىتى ئۇنداق-مۇنداق دەيدىغانلار ئەمەس، تەشكىلات مۇنداق دېگەن يەرلەرگە بېرىپ باققانمۇ ئەمەس. ئەمما بۇ چوڭ بىر دىنىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان، كېلىپ چىقىشىدا دىنىي ئېتىقاد ناھايىتى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي بۇ قېتىمقى يوقىتىشتا بىرىنچى تىزىملىككە ئېلىپ زەربە بەردى، دەپ قارايمەن.»

«مىراج» شىركىتىنىڭ شېرىكى ئابدۇرېشىت ھوشۇر ھاجى بىلەن ئابدۇزاھىر ھاجىمەمەت ئاتۇشتىكى ئاتاقلىق دىنىي ئۆلىما ئەمەت خېتىپھاجىمنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ھازىر بۇ جەمەتنىڭ ئۆزىدىنلا ئاز دېگەندەك 50 دەك ئادەم يىغىۋېلىش لاگېرىدا ياكى تۈرمىدە ئىكەن. ئەركىن ھاجىم بۇ جەمەتكە مەنسۇپ ئاتۇشتىكى بىر ئائىلىنىڭ ئۆزىدىنلا ئون نەچچە ئادەمنىڭ كېسىلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەركىن ھاجىم يەنە مۇنداق دېدى: «ماۋۇ ئاتۇشتىكى تېخى سىلەر دېمەيۋاتقان ئۆمەرە خېنىم، دېگەن ئاپامنىڭ سىڭلىسى بولىدۇ. شۇنىڭ غېنىجان دېگەن ئىنساننىڭ ئىچىدە ئۇنداق ياۋاش، ئۇنداق مۆمىن ئىنساننى مەن تېخى كۆرمىدىم. شۇ قېرىندىشىمىزنى دىنىي تەلىمى بار دېگەن سەۋەب بىلەن 20 يىل كېسىپتۇ. ئاتۇشنىڭ ئازغان كەنتىدە تۇرىدۇ. سەلەيھاجىم دېگەن ئىنىسى، ئۇنى مۇشۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ ئەڭ بېشىدىلا تۇتقان. ئابدۇخېۋىر قارى شۇ كەنتتىكى ئوقۇمۇشلۇق قارى. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر ئاكىسى بار، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپتىمەن، شۇ تۆت ئوغۇل، ئۇنىڭدىن كېيىن نەۋرە سىڭىللار بولۇپ، شۇ ئائىلىدىن ئون نەچچە ئادەمنى 20 يىل، 15 يىل، 10 يىلدىن كېسىپتۇ، بىر ئائىلىدىنلا 10 دەك ئادەمنى.»

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى 3 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقا يەرلىك مىللەت كىشىلىرىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرماقتا ئىكەن. ئۇلار خىتاينىڭ بۇ لاگېرلاردا مۇسۇلمانلارنى دىنىي ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە ئانا تىلىدىن ۋاز كېچىشكە، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەيىبلەشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى، نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ خانىۋەيران بولۇپ، نارەسىدە پەرزەنتلىرىنىڭ تىرىك يىتىمغا ئايلانغانلىقىغا دائىر ئىشەنچلىك دەلىللەرنىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ قىلمىشىنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئېغىر مەنىۋى بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كەلگەنلىكى، رايوندا كەڭ كۆلەملىك «ئېتنىك تازىلاش» ۋە «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى.

لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئورۇنلارنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ ئورۇنلاردا ئۇيغۇرلارغا سىياسى-قانۇن تەربىيەسى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ رادىكاللىقنى تۈگىتىپ، كەسپىي ئۆگىنىشىگە ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.