ئاق ساراي ئۈرۈمچى «ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» غا ئىنكاس قايتۇردى

0:00 / 0:00

22‏-ئاپرېل، ئۈرۈمچى سايباغ رايونىغا قاراشلىق خەلق باغچىسى يېنىدىكى ئەتىگەنلىك بازاردا يۈز بەرگەن ھۇجۇم دۇنيانى زىل-زىلىغا سالدى. ئاز دېگەندە 31 ئادەم ئۆلگەن ھۇجۇمنى قايسى تەشكىلات ۋە گۇرۇھنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم بولسىمۇ، بىراق ۋەقەنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ئاسىيا ھەمكارلىق يىغىنىدا، ئاسىيا ئەللىرىنى 3 خىل كۈچلەرگە قاتتىق زەربە بېرىشكە چاقىرىپ، بىر قانچە سائەتتىن كېيىن يۈز بېرىشى دىققەت قوزغىدى.

ۋەقە، پەيشەنبە كۈنى دۇنيادىكى نۇرغۇن گېزىت، تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا ئاساسلىق خەۋەر قىلىپ بېرىلدى. ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەگە ئىنكاس بىلدۈردى. پائالىيەتچىلەر بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر بىلەن دىئالوگ قۇرۇشقا چاقىردى.

22‏-ماي ئۈرۈمچى «ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئاساسلىق خەۋەر تېمىسىغا ئايلىنىش بىلەن بىرگە، ئاق ساراينىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. ھالبۇكى، ئاق ساراي باياناتچىسى جېي كارنېي يازما باياناتىدا، 31 ئادەم ئۆلگەن، 90 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان بۇ ۋەقەنى تەنقىد قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئاۋام پۇقرانى نىشان قىلغان ھەر قانداق زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە دائىم ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىپادە بىلدۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، ئاق ساراينىڭ ئىپادە بىلدۈرۈشى ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال. ئاق ساراي بايانات ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا ئامېرىكا تەنقىد قىلىنىشقا باشلىغان. ئۇ، بۇرۇن يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا چېتىشلىق بۇ خىل ۋەقەلەردە «تېررورلۇق» سۆزىنى ئىشلەتمەسلىك بىلەن تەنقىد قىلىنغان.

ئاق ساراينىڭ بۇ تەنقىدلەردىن كېيىنلا بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقەنى «تېررورلۇق» دەپ ئەيىبلىشى دىققەت قوزغىدى. ئاق ساراي بۈگۈنكى باياناتىدا يەنە، ۋەقەدە ئۆلگەنلەر، يارىلانغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ۋە ھۇجۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بارلىق كىشىلەرگە ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن توقۇنۇش ۋە زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا ئىزچىل خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق، پىكرى ئەركىنلىكى، دىنىي ئەركىنلىك سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئىپادىلىشىگە يول قويۇشقا چاقىرىپ كەلگەن.

بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھازىرقى بۇ قانلىق ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، مەدەنىيەت، دىن، تىل ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ھەق -ھوقۇقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىش ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قۇلاق سالمىغانلىقىنىڭ ئاقىۋىتى.

گېرمانىيەنى بازا قىلغان خەتەر ئاستىدىكى مىللەت ۋە خەلقلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇلرىخ دېلىئۇس، خىتاي دائىرىلىرىنى ئىزچىل ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، قارشىلىق شەرقىي تۈركىستاندا يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئەلۋەتتە، بۇ ۋەقە ۋەھشىيانە باستۇرۇشقا قايتۇرۇلغان ئىنكاس. بىز دائىم ئاگاھلاندۇرۇپ كەلدۇق. بىزنىڭ باستۇرۇش كۈچەيسە، زوراۋانلىقنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتقىنىمىزغا 14-15 يىل بولۇپ قالدى. مانا ھازىر بىز ئۈمىدسىز خەلقنىڭ ئىنكاسىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىراق ماڭا، بۇ ئىشنى قىلغان ئۇيغۇرلار ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھۇجۇمىنىڭ قانداق تەسىر قوزغايدىغانلىقىنى ھېسابلاپ ئولتۇرمىغاندەك تۇيۇلدى. بۇ ھۇجۇم دۇنياۋى مىقياستا دىققەت قوزغاپ، بۇ ۋەقە ھەققىدە نۇرغۇن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەر بەردى. بىر قانچە ھەپتە ئاۋۋال ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى تىنچ يوللار بىلەن ئېلىپ بېرىپ كەلگەن. بىراق ھازىر بىز زوراۋانلىقنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. نەتىجىدە بۇ، زوراۋانلىق شەرقىي تۈركىستاندا يېڭى بىر باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

22‏-ئاپرېل، «ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» س ن ن، ب ب س، ئامېرىكا ئاۋازى، رويتېرس، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى»،« ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ھەر خىل تېمىلاردا خەۋەر قىلىندى.

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىئوسى خەۋىرىدە، خىتاي مەملىكەتلىك خاراكتېرلىك تېررورلۇقنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر ئىلى ۋە پۈتكۈل خىتايدىكى بارلىق ۋوگزاللاردا ئامانلىق كۈچەيتىلگەن بولسىمۇ، بىراق ھۇجۇم داۋاملىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە خەنزۇ- ئۇيغۇر ئوتتۇرىسىدىكى مىللىي زىددىيەتنىڭ ناھايىتى ئۆتكۈر ھەم جىددىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي، مەدەنىيەت جەھەتتىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدىكى خەۋىرىدە بولسا، «ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» نى ھازىرغا قەدەر ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىغانلىقى، بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە نورمال ئەھۋال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ۋەقە پاكىستان ئارمىيەسى شىمالىي ۋەزىرىستاندىكى قوراللىق كۈچلەرگە ھۇجۇم باشلىغان مەزگىلدە يۈز بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقىت» گېزىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بىر نەپەر پاكىستان بىخەتەرلىك ئەمەلدارى پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ چارشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى شىمالىي ۋەزىرىستاندىكى قوراللىق كۈچلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى، ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىگە قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پاكىستان ئاخباراتى، پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا چەتئەللىك ۋە يەرلىك قوراللىق كۈچلەر بولۇپ ئاز دېگەندە 73 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتى ئىزچىل ش ت ئى ھ باغلاپ چۈشەندۈرۈپ كەلدى. بىراق «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، بىر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ «بۇ ھۇجۇمنى چەتئەلدىكى گۇرۇھلار پىلانلىغان، دەپ قاراش توغرا ئەمەس. ئادەتتە، ئۇلارنىڭ جۇڭگو ئىچىدە بۇ خىل ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارى يوق. ئۇلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دېيىش ئەڭ توغرا» دېگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» بولسا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خوڭ لېينىڭ «جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئاشقۇن بۇ تېررورچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىش ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى بار» دېگەن سۆزلىرىگە يەر بېرىپ، ئۇنىڭ بۇ ھۇجۇمنى «جۇڭگو خەلقى ۋە خەلقئارا جامائەت بىردەك ئەيىبلىشى كېرەك» دېگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بىراق ئۇلرىخ دېلىئۇس ئەپەندى، قاتتىق قول سىياسەت ھېچقانداق مەسىلە ھەل قىلمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ھېچ قانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ تەنقىد قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ھېچقانداق قاتتىق قول سىياسەت بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلمايدۇ. سىز زوراۋانلىقنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى ئىزدىشىڭىز كېرەك. نېمە ئۈچۈن خەلق بىردىنلا زوراۋانلىققا باش ئۇرىدۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇلار بۇنچىلىك ئەسەبىيلىشىدۇ. ئەپسۇسكى، خىتاي بۇنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدەنمىدى. ئۇنىڭ بۇ قېتىممۇ بۇنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ئىزدىنىشى گۇمانلىق. مېنىڭچە ئۇلار كېلەر قېتىمدىمۇ ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خەلق نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك ئەسەبىيلىشىدۇ، نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك غەزەپلىنىدۇ، دەپ سورىمىغانلىقى ھەقىقەتەن كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدەنمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلىشىمىز كېرەك. ئۇلار پەقەت تېخىمۇ قاتتىق زوراۋانلىق ئىشلىتىپ، زوراۋانلىققا قارشى زوراۋانلىق پەيدا قىلدى.