يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى بالىلارغا مودا بولغان «ئۇرۇش مەيدانى 4» ناملىق يېڭى ئېلېكترونلۇق ۋىدېئو ئويۇنىنى چەكلىشى دۇنيانى ھەيران قالدۇردى.
مەلۇمكى، «ئۇرۇش مەيدانى 4» ناملىق بالىلار ئېلېكترونلۇق ئويۇنى شۇ نامدىكى بىر يۈرۈش ئېلېكترونلۇق ئويۇنلارنىڭ 4-قىسمى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارنىڭ ياخشى كۆرۈپ ئوينىشىغا مۇيەسسەر بولغان. يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان بۇ ئېلېكترونلۇق ئويۇننى شىۋېتسىيەدىكى بىر شىركەت لايىھىلىگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ فىلىم ئىشلەش شىركىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان.
مەزكۇر ئويۇننىڭ ۋەقەلىكى تەسەۋۋۇر ئارقىلىق قۇراشتۇرۇلغان بولۇپ، جاڭ فامىلىلىك بىر خىتاي گېنېرال رۇسىيەنىڭ مەخپىي ياردىمى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ ھوقۇقنى قولىغا ئالىدۇ ھەمدە ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى خىتاي زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، فانتازىيە بويىچە قۇراشتۇرۇلغان خىتايدىكى ئۇرۇش مەيدانىدا جەڭ قىلىدۇ…
بۇ ئويۇن بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا خىتاي مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا تەخسە ھالىتىدە سېتىلىشى، توردا يۈكلىنىشى ۋە كۆرۈلۈشىنى چەكلىگەن. چەكلەش بۇيرۇقىدا مۇنداق دېيىلگەن: « ‹ئۇرۇش مەيدانى 4› قانۇنسىز ۋىدېئو ئويۇنىدۇر. ئۇنىڭ مەزمۇنى جۇڭگونىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە تاجاۋۇز قىلىش قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە. مەزكۇر چەكلەش بۇيرۇقى ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك توردىكى بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ئۆچۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇرۇش مەيدانى 4» تىن بۇرۇن «ئۇرۇش مەيدانى 3» بازارغا سېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ رۇسىيە زېمىنىدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشى فانتازىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق تەسۋىرلەنگەن. ھالبۇكى، رۇسىيە ھۆكۈمىتى خىتايغا ئوخشىمىغان ھالدا مەزكۇر ۋىدېئو ئويۇنىنىڭ ئۆز دۆلىتىدە سېتىلىشى ۋە توردا تارقىلىشىغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئابدۇشۈكۈر مەمەت مەزكۇر ۋىدېئو ئويۇنىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختالدى.
ئۇ «ئۇرۇش مەيدانى 4» ناملىق ئېلېكترونلۇق بالىلار ئويۇنىنىڭ ئىشلىنىش جەريانى ۋە خىتايدا چەكلىنىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆزى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن رادىئو ئاڭلىغۇچىلارغا مەلۇمات بەردى.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، مەزكۇر يۈرۈشلۈك ۋىدېئو ئويۇنىنىڭ 3-قىسمى رۇسىيە زېمىنىدا ئېلىپ بېرىلغان فانتازىيەلىك ئۇرۇشنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. ئۇ رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق پىكىردە بولمىغانلىقىنى، پۈتۈن دۇنيادىكى بالىلارغا مودا بولغان مەزكۇر ئېلېكترونلۇق ئويۇننىڭ پەقەت خىتايدىلا چەكلەنگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئابدۇشۈكۈر مەمەت ئاخىرىدا «ئۇرۇش مەيدانى 4» ناملىق بالىلار ئېلېكترونلۇق ئويۇنىنى چەكلەش قىلمىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست رېجىمىنىڭ دېموكراتىيە، ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت ۋە دۇنياۋى ئېقىمغا قارشى ماھىيىتىنى ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.
