مەلۇمكى، مۇشۇ يىلنىڭ ئاپرېل ئېيىدا فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا چاقىرىلغان 6-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى قۇرۇلتىيىدا دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
ئۇنىڭدا دېموكراتىك سايلام بىلەن تەشكىلات رەھبەرلىرى سايلىنىپ، بۇ تەشكىلات ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ، خانىم-قىزلىرىنىڭ مىللىي داۋادىكى ھەرىكىتىنى بىرلەشتۈرۈش ھەم يەنىمۇ جانلاندۇرۇشنى ئاساسىي ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بەلگىلىدى.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن جاي-جايلاردا ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئارىسىدا تەشۋىق ئىشلىرى يەنىمۇ جانلاندى. شۇ جۈملىدىن قازاقىستان ئۇيغۇر ئاياللىرىمۇ مەملىكەتتىكى دوستلۇق ۋە باراۋەرلىكنى مۇستەھكەملەش، مىللىي كىملىكنى ساقلاش، ياشلارنى مىللىي روھتا تەربىيىلەش ئوخشاش ۋەزىپىلەرنى ئۆز ھۆددىسىگە ئالدى. بۇ جەرياندا دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى بىرلىكى رەئىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئورۇنباسارى ئاسىيەم تۇردىيېۋا باشلىغان بىر قاتار ئاكتىپلار ھەمدە يەرلىك خانىم-قىزلار تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى بىرىككەن ھالدا ئىش ئېلىپ بېرىشنى كۆزلىمەكتە.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى قۇرۇلتىيى قاتناشقۇچىلىرى گۈلۋىرەم مەھەممەتتوختىيېۋا ۋە شەھەربانۇم سەيدۇللائېۋالار ئۆز پىكىرلىرىنى بىلدۈردى.