«گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» خىزمەتلىرىدىن دوكلات بەردى

0:00 / 0:00

31-ماي گوللاندىيەدە «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» نىڭ يېرىم يىللىق خىزمەتلىرىدىن خۇلاسە ۋە كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە ئىچكى يېغىن ئۇيۇشتۇرۇلدى ھەمدە گوللاندىيە، بېلگىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.

«گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئامستېردامدىكى تۈرك بىرلەشمىسىنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 تىن، كەچ سائەت 9 غا قەدەر داۋام قىلدى.

پائالىيەتكە گوللاندىيە، گېرمانىيە، بېلگىيە، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 50 دىن ئارتۇق ئادەم ئىشتىراك قىلدى.

پائالىيەتتە ئالدى بىلەن «گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى» نى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردە قوللاپ كېلىۋاتقان 20 چە ئاكتىپ جەم بولۇپ، ئۆتكەن يېرىم يىلدىن بېرى قىلىنغان پائالىيەتلەردىن خۇلاسە ۋە ئىقتىسادىي كىرىم-چىقىم ئەھۋالىدىن مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يېرىم يىلدىن بېرى ئىجارىگە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان يەرگە كېتىۋاتقان چىقىمنى تېجەپ، باشقا ئۈنۈملۈك يەرلەرگە سەرپ قىلىش لايىھىسى ماقۇللاندى. كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى پائالىيەتلىرىدىن بىرى بولغان «مەشرەپ پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى.

مەشرەپ گېرمانىيەدىن دولقۇن ئەيسا، ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندىلەر، شىۋېتسىيەدىن دىلشات رىشىت ئەپەندى، ئامېرىكىدىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، بېلگىيەدىن ئابدۇللام قاتارلىق ئەپەندىلەر ئۆزى ۋەكىللىك قىلىپ كېلىۋاتقان تەشكىلات ۋە جامائەتلەر نامىدىن، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان يەرلەردىكى قېرىنداشلىرىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈش بىلەن باشلاندى.

پائالىيەت ئەھلى ئۆزلىرى تەييارلىغان يېمەكلەر بىلەن غىزالانغاچ كۈلكە-چاقچاق، يۇمۇرلار بىلەن كۆڭۈل ئاچتى ۋە مەزمۇنلۇق ناخشىلار بىلەن ھاياجانغا چۆمدى.

گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئابدۇسالام نىياز ئەپەندى بۇ قېتىملىق پائالىيەت ھەققىدە رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا مەلۇمات بەردى.