خىتاينىڭ مۇقىملىق مەسىلىسىدە چېچىنىيەدىن ئۆرنەك ئېلىۋاتقانلىقى ئۇيغۇرلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.12.15
xitay-herbiy-qoralliq-saqchi-charlash.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇرنى ئالدىغا سېلىپ، ئويمۇ-ئوي ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 9-ئاۋغۇست، ئاقسۇ.
AFP

يېقىندىن بۇيان خەلقئارا تاراتقۇلاردا خىتاي ج خ مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇ باشچىلىقىدىكى ئۆمەكنىڭ چېچىنىيە زىيارىتى ۋە چېچىنىيەنىڭ رۇسىيەگە سادىق ھۆكۈمەت پرېزىدېنتى قادىروفنىڭ خىتاي بىلەن چېچىنىيەنىڭ مۇقىملىق مەسىلىسى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتا تەجرىبە ئالماشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئانالىزلار كۆپەيدى. بۇ خىل خەۋەر ئانالىزلىرىدا، خىتاينىڭ ئۆز بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە رۇسىيەنىڭ چېچىنىيە سىياسىتىدىن ئۆرنەك ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىدى. ئۇنداقتا، خىتاي بىلەن چېچىنىيەنىڭ مۇقىملىق ۋە تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە قارىتا، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشى قانداق؟

خەلقئارا تاراتقۇلاردىن ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىدا 13-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان «خىتاي چېچىنىيەنىڭ تەجرىبىسى ئارقىلىق شىنجاڭنى باشقۇرماقچى» ماۋزۇلۇق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، چېچىنىيەنىڭ رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىنغا سادىق پرېزىدېنتى قادىروف «چېچىنىيە بىخەتەرلىك خادىملىرى رادىكال قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ۋە خەلقئارا تېررورلۇققا زەربە بېرىش تەجرىبىلىرى خۇلاسىلەنگەن ماتېرىياللارنى خىتايدىكى كەسىپداشلارغا تاپشۇرۇپ بەردى» دېگەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانچە كۈچىيىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا «چېچەن ھۆكۈمىتىدىن ئۆرنەك ئېلىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەزكۇر خەۋەر ئانالىزىدا چېچەن پرېزىدېنتى رامىزان قادىروفنىڭ يېقىندا تاراتقۇلارغا قىلغان سۆزىدىن نەقىل ئېلىنىپ، چېچىنىيەنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىگە ئاساسەن، چېچىنىيە بىخەتەرلىك خادىملىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەكنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغانلىقى، مەزكۇر زىيارەت جەريانىدا چېچىنىيە ۋە خىتاي تەرەپ بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش، خەلقئارا تېررور ھەرىكەتلىرىگە ئورتاق زەربە بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆز-ئارا تەجرىبە ئالماشتۇرغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن رۇسىيەنىڭ چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن بولۇپ، خەلق گېزىتى ۋە شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ يىل 5-ئايدىكى خەۋەرلىرىدىمۇ ج خ مىنىستىرى مېڭ جيەنجۇنىڭ بۇ يىل 5-ئاي مەزگىلىدە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئەمەلدارلىرىدىن تەشكىللەنگەن مەخسۇس ئۆمەكنى باشلاپ، چېچىنىيەدا زىيارەتتە بولغانلىقى ۋە شۇ قېتىملىق زىيارەتتە ئىككى تەرەپنىڭ خەلقئارا تېررورلۇققا ۋە رادىكال ئىسلام كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ھەققىدىكى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە چېچىنىيەدىن ئۆرنەك ئېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە ئانالىزلار چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

رادىيومىزغا بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى بايان قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان ئۇيغۇر مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى، سىياسىي پائالىيەتچى قەھرىمان غۇجامبەردى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلغان رامىزان قادىروف ھۆكۈمىتى گەرچە چېچىنىيەدىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە دۆلەت تەۋەلىكىدىكى چېچىنىيەنىڭ يەنىلا ئالىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئىگە بولغىنى ئۈچۈن، چېچىنىيە ۋەزىيىتى بىلەن 60 يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقاچان، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەدە قىلغان ئاپتونومىيىگە ئېرىشمىگەنلىكىنى ۋە نۆۋەتتىكى شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھەقىقىي ئاپتونومىيىلىك ھوقۇق بەرمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى رۇسىيەنىڭ چېچەنلەرگە بەرگەن ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقلىرىنى ئۇيغۇرلارغا بېرىش ئەمەس، بەلكى رۇسىيەگە سادىق ۋە مايىل بولغان رامىزان قادىروف ھۆكۈمىتىنىڭ چېچىنىيەدىكى بۇ ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرنى باستۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىشنى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 90-يىللارنىڭ بېشىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان مەزگىللەردە، چېچىنىيەدىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىمۇ مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىپ رۇسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق ھەرىكەتلەرنى قىلغان. ئەمما رۇسىيە مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى بولغان چېچىنىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى بارلىق ئىمكانىيەتلەر بىلەن توسقان. بىرقانچە يىللىق قوراللىق توقۇنۇشلاردىن كېيىن، چېچىنىيەدا رۇسىيەگە مايىل ئاپتونومىيىلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. ئەمما، چېچىنىيەدىكى رۇسىيەگە قارشى تەرەپدارلار مەزكۇر ھۆكۈمەتنى قورچاق ھۆكۈمەت دەپ ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

ھالبۇكى، 2009-يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارغانچە كۈچەيتىۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىگە قارىتا نارازىلىق ۋە قارشىلىق ھەرىكەتلىرى كۈچەيگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2013-ۋە 2014-يىللار رايوندا يۈز بەرگەن بىر قاتار قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇر دىيارىدا مۇقىملىقنى قوغداشنى ئالدىنقى ۋەزىپە دەپ ئېلان قىلغانلىقى ھەققىدىكى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىمۇ كۆپەيدى. مەسىلەن، 13-دېكابىر خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىر خەۋىرىدە، خىتاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى چاڭ ۋەنچۈەن ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر دىيارىدا مەخسۇس زىيارەتتە بولغاندا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە چېگرا مۇداپىئەسىنى قاتتىق كۈچەيتىش ھەققىدە سۆز قىلىپ، «شىنجاڭنىڭ خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، بىز رايوننىڭ جىددىي ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز، ئالاھىدە تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، تۈرلۈك چېگرا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە خىزمىتىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، رەئىس شى جىنپىڭنى خاتىرجەم قىلىشىمىز كېرەك» دېگەن. خەۋەردە يەنە ئۇنىڭ مۇقىملىقنىڭ «شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى ئىكەنلىكى» نى بىلدۈرۈپ، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چېگرا مۇداپىئە قۇرۇلۇشى، چېگرانى باشقۇرۇش ۋە كونترول قىلىشنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزە ماقالىلىرى بىلەن تونۇلغان ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندىمۇ نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە چېچىنىيەنىڭ 90-يىللاردىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پەرھات ئەپەندى بايانىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە چېچىنىيەنىڭ مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر بولۇشىدەك ئىلاجسىز ۋەزىيەتتە قالغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدەر ئەنسىرىشىدىكى سەۋەبنىڭ خىتاي ئىچى، سىرتىدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى 2009-يىلدىكى ئۈرۈمچى ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويغان «ئەگەر ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش داۋاملاشسا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش توختىمايدىغان چېچىنىيە رايونىغا ئايلىنىشى مۇمكىن» دېگەن پەرەزلىرىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.