ئۇيغۇر دېھقانلار ھاشاردىن قۇتۇلمىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى 2004-يىلىلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتىنىڭ تور بېتىدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە ھاشار ئەمگىكىنى بىر يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي تۈگىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.02.06
20-Esirning-beshidiki-hashar-ishlewatqan-Uyghur-dixanlar-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺷﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪﺩﻩ 1917 - ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ 'ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﺩﻩﻡ - ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ 25 ﻳﯩﻞ' ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﺨﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻫﺎﺷﺎﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
'ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﺩﻩﻡ - ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ 25 ﻳﯩﻞ' ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. / Yalqun

خىتاينىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۈستىدىن ھاشارنى بىكار قىلىشنى ۋەدە قىلغان 2005-يىلىدىن بۇيان ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىز شۇنداقلا ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىنكاسىدىن مەلۇمكى، ئۇيغۇر دېھقانلىرى بولۇپمۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ھازىرغا قەدەر قۇللۇق تۈزۈمىدىكى ھاشار ئەمگىكىدىن قۇتۇلالمىغان. بەزى جايلاردا دېھقانلار بىۋاسىتە ھاشارغا تۇتۇلمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلاردىن «يىللىق ھاشار پۇلى» دەپ ھەق ئالىدىغان، شەكلى ئۆزگەرگەن ھاشارلار ئېغىر دەرىجىدە داۋام قىلماقتا.

ھاشار خىتايدا ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئۇچراۋاتقان ئەڭ ئېغىر ئەمگەك سېلىقى، شۇنداقلا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەڭ ئۇزۇن داۋام قىلغان بېسىم سىياسىتىنىڭ بىرى. ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، قۇللۇق تۈزۈمگە مەنسۇپ ھاشاردىن ئىبارەت ھەقسىز ئەمگەك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا ھازىرغا قەدەر ئېغىر داۋام قىلماقتا، گەرچە خىتاي، تەشۋىقاتلىرىدا 2005-يىلىغا قەدەر ھاشارنى تۈگىتىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، دېھقانلار ئوخشىمىغان ناملاردا مەجبۇرىي ھالدا ھەقسىز ئەمگەككە سېلىنماقتا. 18 ياشقا توشقانلا ئەر دېھقانلار ھاشارغا مەجبۇرلانسا، بەزىدە ئەر يوق ئائىلىلەردىن قۇچىقىدا بالىسى بار ئاياللارمۇ ھاشارغا چىقىشقا مەجبۇرلانماقتا. ھاشارغا چىقالمىغانلار تۈرلۈك جازا ۋە جەرىمانىلەرگە ئۇچرىماقتا. ھاشار نۇرغۇن جايلاردا يەنىلا شەكلى ۋە نامى ئۆزگەرگەن ھالدا داۋام قىلماقتا.

بولۇپمۇ، ھازىرقىدەك دېھقانلارنىڭ كۈزلۈك يىغىمدىن كېيىن ئەتىيازلىق تېرىقچىلىقىنى باشلىغۇچە بولغان قولى بوش ۋاقلىرى ئۇلارنىڭ ئېغىر ھاشارغا ھەيدىلىدىغان چاغلىرىدۇر. بىر ئاي ئىلگىرى گۇمىلىق دېھقان ئۆز يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ يول ياساش قۇرۇلۇشىغا مەجبۇرىي ئاپىرىلغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بىز ھاشار ئەمگىكىنىڭ باشقا جايلاردا يەنە قانداق شەكىللەردە داۋام قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن خوتەننىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدىكى بەزى كەنتلەرگە تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان 65 ياشلىق بىر ئۇيغۇر دېھقان، ئۆزىنىڭ 20 ياش ۋاقتىدىن تارتىپ ھاشارغا قاتنىشىپ كەلگەنلىكىنى، يېقىندىن بۇيان يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بەزى قۇرۇلۇش تۈرلىرى ئۈچۈن دېھقانلارنى ئىشلەتمىسىمۇ، ئۇلاردىن ھاشار پۇلى دەپ ھەق ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

قاراقاشنىڭ يەنە بىر تاغلىق كەنتىدىكى ئۇيغۇر ئايال، ھاشارنىڭ تۈگىمەيلا قالماي كۆپ خىللىشىپ كەتكەنلىكىنى، ھەتتا ئاياللارنىڭمۇ خىزمەت تەكشۈرگىلى كېلىدىغانلارنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تازىلىق ئەمگەكلىرىگە مەجبۇرلىنىدىغانلىقىنى شىكايەت قىلدى.

بىر قانچە ئاي ئىلگىرى، گۇما ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ئايال يېزا كادىرى، يەرلىك كادىرلار دېھقانلارنى قىشتا ئارام ۋاقتىدا بىكار قېلىپ ئىش چىقىرىپ قويمىسۇن دەپ، ھەقسىز ئەمگەكلەر بىلەن مەشغۇل قىلىدىغان ئەھۋالنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇتلۇقىنى پاش قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.