«دېھقان بولماق تەس»، يەرسىز دېھقان بولماق تېخىمۇ تەس

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلاھات، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتى بىلەن تۈزىتىش كىرگۈزگەن يېزا ئىگىلىك يەر باشقۇرۇش قانۇنلىرى بويىچە يېزىلاردا يەرنى ھۆددىگە بېرىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2013.02.11
dehqan-305.jpg ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلار.
RFA

يەنى 1983 يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارغا يېڭىدىن يەر بېرىلمەسلىك، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان 30 نەچچە يىلدىن بېرى دېھقانلارنىڭ قانچە قىلىپمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقىنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبى دېيىشكە بولىدۇ.

خىتاينىڭ 80 يىللاردىن باشلاپ يېزىلاردا يەرنى بەرمەي، يەرنى مۇددەتلىك ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېرىش ھۆددىگەرلىك تۈزۈمىنى ئومۇملاشتۇرۇشى، شەھەر بىلەن شەھەر ئارىسىدا كېزىپ يۈرىدىغان 100 مىليوندىن كۆپ دېھقان ئىشلەمچىلەر قوشۇنىنى مەيدانغا كەلتۈردى. ئىسلاھات ئېچىۋېتىلگەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتايدا شەھەر كۆپەيدى، نوپۇس تېخىمۇ كۆپەيدى، زاۋۇت، بىنالار كۆپەيدى، پۇلنىڭ سانى كۆپەيدى، ھالبۇكى تېرىلغۇ يەر كۆپەيمىدى، ھەتتا ئازلاپ كەتتى ۋە بارغانچە ئازلىماقتا.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە بىر ئورگاندا ئىشلىسىڭىز ئايدا 1000يۈەندىن يۇقىرى مائاش ئالىسىز، ئەمما بەزى دېھقاننىڭ يىللىق كىرىمىمۇ شۇنىڭغا يەتمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار يەرگە باغلاقلىق 30 يىلنىڭ ئالدىدا دېھقاننىڭ قانچىلىك يېرى بولغان بولسا ھازىرمۇ شۇنچىلىك يەر بىلەن ئۆزىدىن باشقا بىر ئائىلىنى، بەش-ئالتە ھەتتا 10 جاننى باقىدۇ. يەر تېرىغانغا تۆلەيدىغان بېجى، سۇ، ئوغۇت چىقىملىرىدىن باشقا ھاشار سېلىقى، ھەر يىلى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان مېۋىلىك كۆچەت تىكىش سېلىقى، ئۇنىڭ پەرۋىشى ئۈچۈن ئېلىنىدىغان ئالۋان-ياساق...قۇيرۇقى ئۈزۈلمەس چىقىم ۋە جاپا مۇشەققەتلەر...بۇ دېھقان نامرات بولماي كىم نامرات بولسۇن؟ خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىكى بىر دېھقاندىن ئاڭلاپ كۆرەيلى، ئۇنىڭ يېرىنىڭ چىقىمى زادى قانچىلىك، كىرىمى قانچىلىك؟

دېھقان يەرگە باغلاقلىق، ئەمما يەرگە شۇنچە ئىشلىسىمۇ، بۇ يەر دېھقانغا تەۋە ئەمەس. ھۆكۈمەت قاچان تارتىۋالىمەن دېسە تارتىۋالالايدۇ، باشقىغا ئۆتۈنۈش ۋە ياكى سېتىپ بېرەلەيدۇ، ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن «غەربنى ئېچىش» بورىنى ۋە «خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىنىڭ نىشانلىق ياردەم» بورانلىرى دېھقانلارنى يېرىدىن كۆرە، يەرگە ئون-يىگىرمە يىللاپ تەر تۆكۈپ پەرۋىش قىلغان مېۋە دەرەخلىرىنى قوشۇپ قومۇرۇپ تۈگەتمەكتە. قاراقاشلىق ئۇيغۇر دېھقان، يېرى بىلەن تەڭ ياڭاق دەرەخلىرىنىڭ ناھىيىنىڭ بىر بۇيرۇقى بىلەنلا «يېزا بازىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش» قۇرۇلۇشىغا ئۆتۈپ كەتكىنىگە ئىچى قاينايدۇ.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى دېھقانلارنى تېزرەك ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزىمىز دەپ تۈرلۈك سىياسەتلەرنى يولغا قويماقتا، نۆۋەتتە ياشانغانلارنىڭ 60 يۈەن، ياشلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئېلىۋاتقانلىقىنى بىر مىللەت، بىر دۆلەتنى ھاللىق سەۋىيىگە يەتكۈزۈشنىڭ ئەڭ توغرا يولى دېيىشكە بولامدۇ ؟ ئۇيغۇر ئېلىدە توختىماستىن بوز يەر ئېچىلدى ۋە ئېچىلماقتا، ئەمما بۇ يەر ئاچقۇچى ئۇيغۇر دېھقانلارغا بېرىلمەي بىڭتۇەنگە ۋە ياكى خىتاي كۆچمەنلىرىگە بېرىلمەكتە. «يەر -دېھقاننىڭ جېنى»، «يەر دېگەن ئالتۇن قوزۇق»، «ئۇيغۇر دېھقانلىرى»، «بىز كۈندىن-كۈنگە نامراتلىشىۋاتىمىز،بىزنىڭمۇ ھېچ بولمىسا تېرىپ يېگۈدەك يېرىمىز بار، يەرسىز بالىلىرىمىز نېمە قىلىپ جېنىنى باقار؟» دېگەن غەمدە.

دېھقانلار ھەتتا، شۇ دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن چېتىشلىق بولغان ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلىۋاتقان كادىرلارمۇ ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ زىممىسىدىكى يۈكنى ھەقىقىي تۈردە يېنىكلىتىشنى، دېھقاننى يېرىگە ھەقىقىي ئىگە قىلىشنى تەخىرسىزلىك بىلەن كۈتمەكتە. بۇ ھەقتە قەشقەرنىڭ پەيزاۋات ناھىيىسىدىكى بىر ئايال كادىر،سىياسەت ياخشى بولغىنى بىلەن دېھقانلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشتا رول ئوينىيالىشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭدا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.