د ئۇ ق ۋەكىللىرى ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ناگاشىما ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2018-04-03
Share
dolqun-eysa-Nagashima-ependi-bilen-bille.jpg د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەر ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاكىھىسا ناگاشىما ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2018-يىلى 3-ئاپرېل، ياپونىيە.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان دۆلەتلەرگە ۋە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا.

بۇ مەقسەت بىلەن ياپونىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى ئۆمەر قانات ۋە باياناتچى دىلشات رىشىت ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت ياپونىيە زىيارىتىنىڭ 3-كۈنى ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى، سابىق مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاكىھىسا ناگاشىما ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ياپونىيە پارلامېنتىدىن تېلېفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتىدىكى مەقسەت، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ياپونىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى گېزىت ۋە رادىيولارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، مەزكۇر ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەييارلىغان ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىنى سۇنغانلىقىنى، ئۇنىڭ دوكلاتنى ئالغاندىن كېيىن پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ياپونىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىمۇ بار بولۇپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇرۇندىن تارتىپ ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى ئۆمەر قانات ئەپەندى پارلامېنت ئەزاسى ئاكىھىسا ناگاشىما ئەپەندىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىگە ئىنكاس قايتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇنداقتا پارلامېنت ئەزاسى ئاكىھىسا ناگاشىما ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ تەلەپلىرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇردى؟ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيە ۋەكىلى ئىلھام مەخمۇت ئەپەندى ئۇچرىشىشتا ناگاشىما ئەپەندىنىڭ گەرچە ئۆزى ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزاسى بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتىنىڭ بۇ قېتىمقى ياپونىيە زىيارىتى 10 كۈن داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئۇلار ياپونىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرىدىمۇ بىر يۈرۈش پائالىيەت ئېلىپ بارىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت