بۇ يىل نويابىردا ئېچىلىدىغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» قىزىقىش قوزغىماقتا

0:00 / 0:00

بۇ يىل نويابىردا ئېچىلىش پىلانلىنىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋا تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم يىغىنلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىيىتىنىڭ تەقەززاسى تۈپەيلى بۇ يىل 11-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنى ھازىرغا قەدەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن چاقىرىلغان كۆلىمى ئەڭ چوڭ، مۇزاكىرە تېمىسى ئەڭ مول، ئالىدىغان قارارلىرىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان ئالاھىدە بىر يىغىن بولۇپ قالىدىكەن.

بۇ يىغىندىن بىر كۈن بۇرۇن د ئۇ ق نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك خەلقئارالىق نامايىش ئۆتكۈزۈلىدىكەن. نامايىشقا ئاسىيا، ئاۋسترالىيە، ئامېرىكا، ياۋروپادىن ئىبارەت تۆت قىتئەدىن مىڭلىغان ئۇيغۇرلار كېلىپ قاتنىشىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بۇندىن بىر ئاي بۇرۇن ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا، 11-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە مىللىي كېڭەش، ياشلارنىڭ خەلقئارالىق ئۇچرىشىشى يىغىنى، قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنى، ئىستىقلال مارشى مۇكاپاتى ھەمدە 2 قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى قاتارلىق 5 چوڭ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇ بىر ھەپتىنى «ئۇيغۇر ھەپتىسى» دەپ ئاتىغان.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىنىڭ بۈگۈن بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يىغىن ھەم پائالىيەتلەرگە مۇھاجىرەتتىكى مىللىي دەۋا سېپىدا كۆزگە كۆرۈنگەن 300 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرى، ياشلار ۋەكىللىرى، ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى، سىياسىيونلار، ئىستراتېگىيە تەتقىقاتچىلىرى، زىيالىيلار، دىنىي ئۆلىمالار، ئاكادېمىكلار، ۋەتەنپەرۋەر تىجارەتچىلەر ۋە چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناسلار، خىتايشۇناسلار، بەزى دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بولۇپ كۆپلىگەن مەشھۇر زاتلار ئىشتىراك قىلىدىكەن.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنىغا قاتنىشىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئىچىدىكى سىياسىي ئاكتىپلاردىن ئادىلە مەسۇمجان خانىم قازاقىستاندىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بۇ يىغىنغا كېلىشكە ئىنتىلىۋاتقانلىقىنى، د ئۇ ق غا ئۈمىد بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئىماملىرىدىن بىرى بولغان سەدىردىن غارىم بولسا بۇ قېتىمقى مىللىي كېڭەش يىغىنىنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا خەيرلىكلەر نېسىپ ئەيلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنى ھەمدە بۇ يىغىن بىلەن ئوخشاش ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خەلقئارالىق ئۇچرىشىشى» يىغىنىغا كېلىش ئۈچۈن ھازىرلىنىۋاتقان بولۇپ، نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سان چەكلىمىسى سەۋەبلىك بۇ يىغىنلارغا قاتنىشالمايدىغانلار د ئۇ ق تەشەببۇس قىلىۋاتقان 6-نويابىر جەنۋەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق نامايىشقا تەييارلىق قىلىۋاتماقتا ئىكەن ھەمدە مىللىي كېڭەشتىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە ئىكەن.

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنىغا كانادادىنمۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار كېلىپ قاتنىشىدىكەن. كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مۇكەررەم قۇربان خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، كۆپلىگەن كانادالىق ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىغىنغا زور قىزىقىش بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى جۈرئەت ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلماقتا ئىكەن.
د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنىڭ مۇھاجىرەتتە ھازىرغا قەدەر چاقىرىلغان تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئەڭ مۇھىم يىغىنلاردىن بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە بۇ يىغىندا مۇھاجىرەتتىكى مىللىي ھەرىكەتنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىرى ۋە زامانغا، ئېھتىياجغا ماس پىلان-پروگراممىلىرىنىڭ تۈزۈپ چىقىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق نىڭ بىلدۈرۈشىچە، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى» يىغىنىغا 30 غا يېقىن دۆلەتتىن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى كېلىپ قاتناشقان سىرت، گېرمانىيە ھەم باۋارىيە پارلامېنتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى، چەتئەللىك بەزى مۇھىم سىياسىي ئەربابلارمۇ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەكلىپ قىلىنىدىكەن.