خىتاي قانۇنىدىن ئادالەت ئىزدەپ سەرسان بولغان ئوبۇلھەسەن ئابدۇكېرىم

0:00 / 0:00

11 يىلدىن بۇيان قانۇندىن ئادالەت ئىزدەپ ياشاۋاتقان ئوبۇلھەسەن ئابدۇكېرىمنىڭ 131-قېتىملىق ئەرزىنىڭمۇ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.

ئوبۇلھەسەن ئابدۇكېرىمنىڭ 131-قېتىملىق ئەرزى ئالدىنقى ھەپتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەلۇم بىر تور بېتىگە قويۇلۇپ، ئارىدىن بىر قانچە سائەت ۋاقىت ئۆتمەيلا ئۆچۈرۈپ تاشلاندى.

ئۇ ئەرزىدە، ئۆزىنىڭ ئۇۋالچىلىققا ئۇچراش جەريانىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، خوتەندىكى سوت دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرى سوتنىڭ ھۆكۈمىنى ئىجرا قىلمايۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ جىنايى ئىشلار سوتى ۋە تۆلەم سوتى ئېچىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان شۇنداقلا ئۆزىگە ھەقسىزلىق قىلغانلارنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىشنى، جىسمانىي زەربىلەر ئۈچۈن تۆلەم تۆلەشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەسلى يۇرتى خوتەن شەھىرىنىڭ لاسكۇي بازىرى ئاقتاش كەنتىدىن بولغان ئوبۇلھەسەن ئابدۇكېرىم 1970-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.

ئۇنىڭ بۈگۈن زىيارىتىمىز جەريانىدا بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئۇ ئۆز يۇرتىدا 2005-يىلى ناھەقچىلىككە ئۇچراپ، كەنت كادىرلىرى تەرىپىدىن تاياق يەپ، مېڭىسىگە قان چۈشكەن.

ئوبۇلھەسەن ئابدۇكېرىم بۇ سەۋەبلىك يۇقىرى-تۆۋەنگە قاتراپ يۈرۈپ 11 يىلدىن بىرى ئەرز قىلىپ كەلگەن. بىراق، كەنت كادىرلىرى، ناھىيىنىڭ دوختۇرلىرى، سوتچىلار، ساقچىلار، ئەدلىيە خادىملىرى تىلىنى بىر قىلىۋېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئادىل ھۆكۈم چىقارمىغان ۋە ئۇنىڭ ئەرزىگە توسقۇنلۇق قىلغان.

ئوبۇلھەسەن ئابدۇكېرىم قانۇننىڭ ئادىل ھۆكۈمىگە ئېرىشەلمەسلىكتىكى سەۋەبنى سىياسەتتىن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دىيارىدا بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كۆرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئەمما ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى بولسا، خىتاينى قانۇن ئەمەس، بەلكى سىياسەت ئىدارە قىلىدىغانلىقىنى، خىتاي قانۇنىدىن ئادالەت كۈتۈشنىڭ ئەخمىقانىلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىز ئوبۇلھەسەننىڭ ئەرزىگە چېتىشلىق سانالغان خوتەن شەھىرىدىكى بىر قىسىم ساقچى، سوت، ئەدلىيە قاتارلىق ئىدارە-ئورگانلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە ئۇرۇنغان بولساقمۇ، جاۋابقا ئېرىشەلمىدۇق.

ئوبۇلھەسەن ئۈستىدىن ئۆز ۋاقتىدا خاتا دىئاگنوز قويغان خوتەن لاسكۇيدىكى دوختۇر رېقىپجاننىڭ دوختۇرخانىسىغا تېلېفون ئۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئىستىكىمىزنى بىلدۈرگەندە، ئۇ تېلېفونىمىزنى ئېلىشنى رەت قىلدى. باشقا خىزمەتچىلەر بولسا، بۇنداق بىر ئەھۋالدىن خەۋەرسىزلىكىنى ئېيتتى.

دەۋاگەر ئوبۇلھەسەن 131-قېتىملىق ئەرزىدە ئۈرۈمچىدىكى يۇقىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ خوتەن ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ قايتا ئادىل سوت ئېچىشى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ ھۆكۈمنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىراق ئۇ، بۇ دېلونىڭ بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكىنى، مەسىلىنىڭ ھەل بولماسلىقىدىكى سەۋەبنىڭ يەرلىك دائىرىلەرنىڭ نوپۇزىنىڭ كۈچلۈك كېلىۋاتقانلىقىدىن كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، قانۇننىڭ ئادالەتسىزلىكىنى تىلغا ئالمىدى.

ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇۋەلى تۇرسۇن ئەپەندى بولسا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ خەلق مەنپەئەتىنى ئەمەس، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ قولچوماقلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قانۇننى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تۇرۇپ قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئوبۇلھەسەن زىيارىتىمىز ئەسناسىدا، 11 يىللىق دەۋاگەرلىك ھاياتىدا ئۆزلىرىنىڭ كۆپ چىقىمدار بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئاخىرقى بەش يىلدا ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ ئەرز قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ئۈمىدلىك ئىكەنلىكىنى، يۇقىرى سوتنىڭ ھۆكۈمى خوتەنگە يېتىپ بارسا، خوتەن ئوتتۇرا سوتنىڭ قايتا سوت ئېچىپ، ئادىل ھۆكۈم چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.