ئۇيغۇر قىزلارنى ئەسكەرلىككە ئېلىشنىڭ سۇيىقەست ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

0:00 / 0:00

بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق خىتاي قىسىملىرىغا ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنىشى خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتىدا ئىجابىي قەدەم سۈپىتىدە تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

بەزى تورداشلار «ئىسىت!» دەپ نادامەت تۆكسە، بېزىلەر بۇ قىزلارنىڭ ئويغىنىشى كېرەكلىكىنى خىتاب قىلىدۇ.

بۇ ھەقتە توختالغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلارمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىزلارنى ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىشىدا يەنە بىر خىل سۇيىقەست بار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە فاكۇلتېتى خەنزۇ تىلى كەسپىدىن دىلنۇر ئەخمەت قاتارلىق ئون نەپەر قىز ئوقۇغۇچى خىتاينىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ھەربىي قىسىملىرىغا ئايال ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنغان.

خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ ئون نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قىز ئەسكەرلىككە بېرىشنى ئۆزلىرى ئارزۇ قىلىپ تىزىملاتقان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ نۆۋەت 800 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قىز ئەسكەرلىككە ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىن 10 نەپىرى تاللىۋېلىنغان.

خىتاي ئاخباراتىغا قارىغاندا، بۇ قىزلار خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق خىتاي ھەربىي قىسىملىرىغا ئايال ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئېلانىنى كۆرگەندىن كېيىن «قىزغىنلىق بىلەن ئىلتىماس قىلغان ۋە ناھايىتى خوش بولۇپ» كەتكەن، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلپىيە تۇرسۇننىڭ دادىسى قىزىنىڭ ئەسكەر بولغانلىقىدىن ئىنتايىن پەخىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما، ئۇيغۇر تور بەللىرىدىكى ئىنكاسلاردا بۇ قىزلارنىڭ «ساددىلىقى»، «نەزەر دائىرىسىنىڭ تارلىقى» غا بولغان ئېچىنىش بىلدۈرۈلگەن. بىر ئىنكاستا مۇنداق دەپ يېزىلغان: «بىزنى كىم باشقۇرۇۋاتىدۇ؟ بىز كىملەرگە ئەسكەر بولۇپ بەرمەكچى.. ھەي ئىسىت...». يەنە بىر ئىنكاسقا بولسا: «باسقان ھەر بىر قەدىمىڭگە پۇشايمان قىلىسەن...». دەپ يېزىلغان. ئەمما بۇ ئىنكاسلار دەرھال ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.

نۇر بەكرى قاتارلىق قورچاق ئەمەلدارلار ئەسكەرلىككە قوبۇل قىلىنغان قىزلارنىڭ شەرىپىگە زىياپەت ئۇيۇشتۇرۇپ، داغدۇغا قىلغان. خىتاي مۇخبىرلىرى ئۇلارنى بەس-بەس بىلەن رەسىمگە تارتىپ چوڭ تەشۋىقات سۈپىتىدە خىتاينىڭ ھەربىي تورلىرىدا تارقاتقان.