ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ئازاب ئۈستىگە ئازاب بولماقتا
2014.01.17

سەئۇدى ئەرەبىستاندا چىقىدىغان «ئەل مەدىنە» گېزىتىنىڭ 2014-يىلى 11-يانۋار سانىدا، دوكتور سالىم ئىبنى ئەھمەد سىھابنىڭ قەلىمى بىلەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى ئازاب ئۈستىگە ئازاب بولماقتا» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «مەن ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇندىن بىر ھەپتە ئىلگىرى بىر ماقالە ئېلان قىلغان ئىدىم. دوكتور ئەھمەد فەرىد مۇستافا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تولىمۇ مۇھىم بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىچكىرىدىن مىڭلارچە خەن مىللىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇ جايدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەركىبىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇۋالغانلىقى ئىدى. بۇنىڭدىنمۇ خەتەرلىك بولغىنى، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىقتىسادىي جازالارنى قوللىنىش ئارقىلىق تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى مەجبۇرىي قانات يايدۇرۇشى، خەن مىللىتىنى ئىش بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن رايون ئەھلىنى ئىشسىز قالدۇرۇشى، مۇسۇلمان قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كېتىشى قاتارلىق ئىنسانىيەت تارىخى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىدا داۋام قىلماقتا. ماڭا دوكتور ھەبىبۇللا تۈركىستانى ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كۆرگەن ۋە بىلگەنلىرىنى ھېكايە قىلىپ دېدىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىغا ئۆلكىلىرىدىن جىنايەتچىلەرنى ئېلىپ كېلىپ يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ھەر تەرەپتىن ئازابلاشقا كىرىشكەن. تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىمۇ بۇ ئازابنىڭ بىر پارچىسىدۇر.»
ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە چەك قويۇلماقتا
ماقالىدە يەنە مۇنداق دەپ يېزىلغان: «ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ دىنى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ۋە دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىمىدىن ئايرىلمايدىغان خەلقتۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ بالىلىرىنى قۇرئان ئوقۇشتىن ۋە مەسچىتلەرگە بېرىشتىن، مەدرىسىلەردە ئوقۇشتىن مەنئى قىلىپ كەلمەكتە. ئەڭ يامان بولغىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكىرىدىن خەن مىللىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتىغا ئېلىپ كېلىپ يەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق يەرلىك خەلقنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىنى تالان-تاراج قىلىۋاتقانلىقى ئىدى. ئىسلام ئەللىرىنىڭ سۈكۈت قىلىشى ۋە ئۇ جايدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز قېلىشى ئارقىسىدا بۇ ئىشلار داۋام قىلماقتا. دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئىنسانىي تەشكىلاتلار ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ ئېغىر قىسمەتلەرنى خەلقى ئالەمگە تونۇتۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان بولدى. مەسىلەن: تۈركىيەدىكى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار تەتقىقات مەركىزى(ئەسام) خىتايدىن كېلىدىغان تاۋارلارنى قوبۇل قىلماسلىق سىياسىتىنى قوللىنىپ، مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بازارلىرىنى تولدۇرۇۋەتكەن خىتاي تاۋارلىرىغا چەك قويدى. بۇنداق قىلىش ئەلۋەتتە يەرلىك سودا-سانائەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق ئىدى.»